ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟   

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئەسكى بولمايدىغانلىقىنى،ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىم-بېرىمىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال-خورام بولۇۋاتقانلىقىنى، قىيىنچلىقتا قالغاندا، بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز.

 ئەكسىچە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ غۇۋالىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، ھەتتا خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. ھەمىشە ئۇلارنىڭ بىر خىل رەزىل مۇددىئاسى باردەك ھېسسىياتتا بولىسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.  ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ.

ئېھتىمال ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز.  چۈشكۈن روھىي كەيپىيات سىزنى يىراقنى كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كۆز ئالدىڭىزدىكى بارلىق ئەھۋال سىزنى تەمتىرىتىپ قويىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى چاغدا بۇ ئىشلارنىڭ شۇنچە گۈزەل بىلىنگەنلىكىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىسىز.  

دەرۋەقە تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگونوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە-كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز. 

 ئامېرىكىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن. سىزگە سۆزلەپ بېرەي، ئازدۇر-كۆپتۇر ئىلھامى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. گۈل ساتىدىغان بىر موماي بار ئىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى خېلىلا كونا، تېنىمۇ بەك ئاجىز، لېكىن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن:«بەك خۇشال كۆرىنىسىزغۇ»دەپ سورىغانىكەن. ئۇ:«ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل تۇرسا، نېمىشقىمۇ خۇشال بولماي» دەپتۇ، خېرىدار يەنە ئۇنىڭغا:«قاتتىقچىلىققا خويمۇ چىداشلىك ئىكەنسىز» دەپتىكەن، ئۇ:«ئاينىڭ 15ى يورۇق، 15ى قاراڭغۇ بولغاندەك، بەختسىز كۈنلەرنىڭ كەيندىن بەختنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئانچىكى قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە»دەيدۇ.  دېمەك،«بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى