ئايالىڭنى ھۆرمەت قىل، ئەمما، چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمە

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: روھىي ساغلاملىق دۇردانىلىرى | ۋاقتى: 2011/09/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئايالنىڭ ئەتراپىڭىزدا پايپېتەك بۇلۇشىمۇ مۇھەببەت ئىزھارى ئەمەس. ئۇ پەقەت ئۆمۈر يولداشلىق يۈزسىدىن سىزنىڭ ساق ۋە خوشال بولۇشىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماقتا. بۇ ئىشلارنى ئۇ پەرەز دەپ بىلىدۇ.
ئەركەكنىڭمۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى ئايالىنى ساغلام ئاسراشتۇر. دەيمىزغۇ، ۋەتەن-- مۇقەددەس دەپ، ۋەتەننى بالا-قازادىن ھىمايە قىلىش ئەركەكنىڭ شانى، قەرزى ئۆمۈرلۈك! ئايالىڭىز بولسا بالىلىرىڭىزنى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئارا ئۈندۈرۈپ، ئۆستۈردىغان ئىككىنچى ۋەتەندۇر!
ئەمما ۋەتەننىڭ خۇنۇك-چىرايلىقى، ياخشى-يامىنى بولماس. ئەگەر سىز بار جايدا ئۇ خاراپ بولسا، سىزنىڭ تىرىكلىكىڭىز يالغان! بالىڭىزغا باغرىڭىز ئېچىشسا، ئاتىلىقنى جايىغا قويىمەن دېسىڭىز، ئانىسىنىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلىڭ!


ئەمما..بۇ ئار-نومۇسنى ۋە غورۇرۇڭنى ئايالىڭغا قۇربان قىل دېگەنلىك ئەمەس!
رەھبەر-- تەمىنلىگۈچى، رەھبەر-- ھىمايە قىلغۇچى، رەھبەر- ئىش تەقسىملىگۈچى، جۈملىدىن، نازارەت قىلغۇچى! رەھبەر يەنە سەنئەتكارانە ئىش تۇتۇشى ۋە مۇلايىم، ئوچۇق ياكى ئېغىر-بېسىق قىياپەتكە كىرىشنى بىلىش كېرەك. تەڭرى ئايالنى ئۆز جۈپتى بىلەن يەنە شۇنداق قىياپەتتە تۇرۇشقا ئېھتىياجمەن ياراتقان، بۇتەڭرىنىڭ خاھىشى! ئەر ئاشۇنداق بولالمىسا، تەڭرىنىڭ ئىزنىسىدىن چىققان بولىدۇ ۋە جازاسى تەيىندۇر!
ھاتاتقا بىر نەزەر سالساڭ، ئايالنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرىدىغان، ئايالنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى دەرھال بېجىرىدىغان ئەرلەرمۇ باردۇر. ئەمما، بۇ ئەرنىڭ ئايالى ئېرىگە نىسبەتەن نالايىق بولىدۇ. ئېرى كۆرسىتىلىۋاتقان پىدائىيلىقلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەمەس، ئېرىنىپقىنا قوبۇل قىلىدۇ. كۆرۈۋاتامسىز، ئەر ئۆز مېھرىگە يارىشا مېھرى ئالالماي تۇرۇپتۇ ۋە ئالالمايدۇ ھەم! چۈنكى ئۇ ئەتراپتىكى باشقا قەرزلىرىنى ئۇنتۇش ھېسابىغا ئايالىغا ئارتۇقچە بېرىلدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۆزىنىڭ ھەزرەتلىكىنى ئۇنۇتتى: ئۇنىڭغا جۈپتى بىپىسەنت بولسىمۇ،«ھۆرمەت» كۆرسىتىۋېرىدۇ! بولۇپمۇ رەھبىرانە مەغرۇرلۇقىنى ئۇنتۇپ، ئايالىغا يۈرىكىدىكى بارىنى تۆكۈپ تاشلاۋېرىدۇ! بۇنداق كۈنگە قالغا ئەر بولسا ئايالنىڭ نەزىرىدە بىردىن ۋىجىكلەپ، پەسلەپ كەتكەندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ!
ئۇنۇتماڭكى، ئەر-ئايال بىر-بىرى ئۈچۈن ھەرگىز باش ئەگدۈرۈلگەن چوققىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بولمىسا، بىر-بىرىدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ. ئەر بولغۇچى باش ئېگىپ، ئىزھارىي مۇھەببەتكە چۈشتىمۇ، تامام، ئايالىدا كىبىر ئويغىنىدۇ ۋە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا جۈپتىدىن سوۋۇپ بارىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى