قايسى خىلدىكى ئۇيقۇسىزلىق بىمارلىرىغا پىسخىك جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش كېرەك؟

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇيقۇسىزلىق پەيدا قىلغۇچى ئامىللار خېلى كۆپ، بەزىلىرى جىسمانىي كېسەلدىن پەيدا بولسا، بەزىلىرى روھىي ئامىلدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۈنىۋېرسال دوختۇرخانىلارنىڭ پىسخىكا ئامبۇلاتورىيىلىرىگە كۆرۈنگەن %70 پىرسەنت ئەتراپىدىكى بىمارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى روھىي سەۋەبتىن پەيدا بولغان.
خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بېسىملىرى، كىشىلەر مۇناسىۋىتىدىكى زىددىيەتلەر ۋە ئائىلە مۇھىتى، ئىچكى زىددىيەت- توقۇنۇشلار ئادەمنى يۈكسەك روھىي جىددىيلىككە سېلىپ، كەيپىياتنى تۇراقسىزلاشتۇرۇپ، پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ قاچىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەردىكى ئۇيقۇسىزلىق بەزى ناچار مىجەزلەر، ناتوغرا تەپەككۈر ۋە قىلمىشلاردىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئىچى تارلىق، يەڭگىللىك قاتارلىق روھىي بېسىمنى ئاشۇرۇپ، قىسىلىش، غەزەپلىنىش، دىمىقتا بولۇش قاتارلىق كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىدۇ- دە، ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق بىرمۇنچە پىسخىك مەسىلىلىرىنى تۇغدۇرۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتى، روھىي ھالىتى، خىزمەت ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە گۇمانخورلۇق پەيدا قىلىدۇ.
پىسخىك ئامىلىدىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنى ۋاقتىدا پىسخىك دوختۇرغا كۆررسىتىپ، روھىي ھالىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك. پىسخىك، يەنى روھىي جەھەتتە داۋالاش مەلۇم نەزەرىيە سىستېمىسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىمار بىلەن دوختۇرنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى كۆۋرۈك قىلىپ، تەن ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق داۋالاش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ. پىسخىك داۋالاش ئارقىلق ئۇيقۇسىزلىققا شىپالىق تېپىپلا قالماي، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئەگەشمە ئالامەتلىرىنىمۇ تۈگەتكىلى بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى