تاماق يىيىش ئادىتىڭىز سىزنىڭ خاراكتىرىڭىزنى ئاشكارلاپ قويىدۇ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتىدىغان تىپتىكىلەر
بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر ئادەتتە  تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئېلىشنى ئۇقىدۇ ،  بىرئىشقا نىسبەتەن ئىرادىسى قەتئىي ، چىدامچان ، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق كىشلەر ئادەتتە ئىنتايىن ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ، بىراق ئاسانلا بەزى ئىشلاردا جاھىللىقى تۇتۇپ قالىدۇ، ئۆزۈمنىڭكىلا راست دەيدىغان تەرىپى بىر  قەدەر روشەن.

2. ئاچ بۆرىدەك تاماق يەيدىغان تىپتىكىلەر
بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر ئادەتتە ئىنتايىن يۈكسەك ئىرادىلىك بولۇپ ، نىشانى ئىنتايىن ئېنىق ھەم خۇشاللىق بىلەن يېڭى شەيىلەرنى سىناشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلمايدۇ،ئۇلار خوجايىنلار ياخشى كۆرىدىغان تىپلاردىن. بۇ خىلدىكى كىشىلەر دائىم باشقىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ ، ئەمما سەۋرچانلىقى كەمچىل بولۇپ ، ئاسانلا ئالدىراقسانلىق قىلىدۇ ، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدۇ ، ئۆزىگە ۋاقىت ۋە بوشلۇق قويۇشنى بىلمەيدۇ.


3. تۈرگە ئايرىپ تاماق يەيدىغان تىپتىكىلەر
بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ ئازراق مەجبۇرلاش كېسىلى بار بولۇپ،ئىش قىلغاندا ھەممە ئىشنىڭ سىستېمىلىق ۋە تەرتىپلىك ، ئېنىق بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ، بىراق ئانچە جانلىق ئەمەس، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا پىلاندىن سىرت ئىش يۈز بېرىپ قالسا ، ئاسانلا ھېسسىيات جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتىدۇ.

4. تەرتىپلىك تاماق يەيدىغان تىپتىكىلەر
بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر ئادەتتە ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىدۇ ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ ، ئىش قىلىشنىڭ ئالدىدا چوقۇم يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىدۇ ، لېكىن مەسىلە شۇكى ئۈلۈك ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ھەممە ئادەمنىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقىلار تەرىپىدىن يىراقلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

5. ئارىلاشما تاماق يەيدىغان تىپتىكىلەر
ئارىلاشما تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە خاراكتېرلىك قەيسەر بولۇپ ، دوستانە ، ئوچۇق يورۇق ،ئائىلىسىگە ۋاپادار بولۇپ، دوستلىرى ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكى بولسا ئاغزىدا گەپ تۇرمايدۇ ، بىرئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلمايدۇ ، ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى پەرق ئېتەلمەيدۇ ، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرالمايدۇ.

6.ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يەيدىغان تىپتىكىلەر
تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە خاراكتېرى ئوچۇق يورۇق ،كۆڭلىدە ھېچقانداق غەرەز يوق ،جۈرئەت قىلىپ ھەقىقىي ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان ، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا ئالغا ئىلگىرلەيدىغان تىپلاردىن. بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ ، ئەمما بۇ خىل كىشىلەر يەنە كىشىگە قوپال ئەدەپسىزدەك تەسىرمۇ بېرىپ قويىدۇ.

7. تاماقنى پارچىلىۋېتىپ ئاندىن يەيدىغان تىپتىكىلەر
تاماقنى پارچىلاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرئالدىن تەپەككۇر قىلدىغان بولۇپ ،ئۇلار تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ ، ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن تەپسىلىي پىلان تۈزىدۇ.ئۇزاق مۇددەتلىك نىشاندا بىرلىكتە ماڭالايدىغان ھەمراھنى ياخشى كۆرىدۇ ، لېكىن يېتەرسىزلىكى شۇكى ، بەزى بىر ئىشلارغا ھەددىدىن زىيادە پىرىنسىپچانلىق قىلىپ ، كۆز ئالدىدىكى پۇرسەتلەرگە سەل قارايدۇ.

8. تاماقتا تەۋەككۈلچىلىك  قىلىدىغان تىپىدىكىلەر
غەلىتە يېمەكلىكلەرنى سىناشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر ئادەتتە ئىدىيەسى ئوچۇق بولۇپ ، قەيسەر كېلىدۇ ،بىر قېتىم بىزار بولغان نەرسىنى كېيىن قەتىي ياقتۇرمايدۇ.بۇ خىلدىكى كىشلار بىلەن بىرلىكتە بولۇش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولۇپ ، بىراق يەنە دىققەت قىلىش كېرەك ، ئەگەر ئوخشاش تپتىكى  كىشىلەر بولمىسا ، بەلكىم قارشى تەرەپنى قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن.

9.تاماقتىن قۇسۇر چىقىرىدىغان تىپتىكىلەر
بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە بىرئاز مۇتەئەسسىپ بولۇپ ،  ئۇلار يېمەكلىكلەرنى ئىمكان قەدەر ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىدە بولسا، شۇنچە بىخەتەر  شۇنچە ياخشى بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە ، كۆڭۈلدە تەييارلىق بولۇشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئادىتىنى ئۆزگەرتىشنى سىنىماڭ ، ئەگەر سىز بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەردىن بولسىڭىزتەكلىپىم شۇكى ، ئەركىنرەك بولۇڭ ، دادىللىق بىلەن يېڭى شەيىلەرنى سىناب بېقىڭ ، سىز چوقۇم تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى بايقايسىز.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى