بالىلاردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ 11خىل ئىپادىسى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/23 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئامېرىكا بالىلار پىسخىكىسى مۇتەخەسسىسى خوفماننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاتا ئانىلار پەرزەنتلىرىدە ئۆزىنىڭ كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بارلىقى بايقالغان ھامان ئۇنى يېڭىش ۋە تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى،  بالا چوڭ بولغاندا ئۆزىنى كەمسىتىش مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىغا ئىگە بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆپ كۆرۈلىدىكەن: 

كەيپىياتى دائىم تۆۋەن بولۇش: بالىلار دائىم سەۋەبسىزلا غەمكىن يۈرسە، ئېھتىمال ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاق بولۇش: بالىلار، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئانچە مۇنچە تارتىنچاق بولۇشى نورمال ئىش، بىراق ھەددىدىن زىيادە تارتىنچاقلىق، باشقا كىچىك دوستلارنىڭ ئالدىدا ناخشا ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئوتتۇرىغا چىقىشنى خالىماسلىق، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق قاتارلىقلار ئېھتىمال قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى كۈچلۈك ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ سىرتقا قارىتا ئىپادىلىشى بولۇشى مۇمكىن.

دوست تۇتۇشنى خالىماسلىق: ئادەتتە نورمال بالىلارنىڭ ھەمىسى تەڭ دېمەتلىك بالىلار بىلەن دوست بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ ھەم دوستلۇققا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىغا ئىگە كۆپ ساندىكى بالىلار باشقىلار بىلەن دوستلىشىشنى خالىمايدۇ ياكى دوستلىشىشتىن قورقىدۇ.

دىققىتىنى يىغالماسلىق: ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بالىلار مەيلى ئۆگىنىش ياكى ئويۇن تاماشادا بولسۇن، دىققىتىنى ئاسانلىقچە يىغالمايدۇ ياكى دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى بەك قىسقا بولىدۇ.

گۇمانخورلۇق: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار ئاتا ئانىسى، ئوقۇتقۇچىسى ۋە دوستلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارىشىغا ناھايىتى سەزگۈر بولىدۇ، بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ، ھەتتا كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالىدۇ، ئەگەر بۇ خىل روھىي ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، تەرەققىي قىلىپ گۇمانخورلۇق پاتقىغا پېتىپ قالىدۇ ھەم باشقىلار ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيۋاتقاندەك ياكى ئەيىبلەۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

ماختىنىشقا بەك تەقەززا بولۇش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار گەرچە ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرسىمۇ، ئاتا ئانىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا نورمال بالىلاردىنمۇ بەكرەك تەقەززا بولىدۇ. شۇ سەۋەبدىن سەمىمىيەتسىزلىك قىلىشى، ناتوغرا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يالغانچىلىق قىلىشى ۋە ئىمتىھانلاردا ساختىپەزلىك قىلىشى مۇمكىن.

باشقىلارنى كەمسىتىش ۋە ھەسەت قىلىش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ يەنە بىر نورمالسىز ئىپادىسى شۇكى ، دائىم باشقىلارنى كەمستىدۇ، ئۇلارغا ھەسەت قىلىدۇ، مەسىلەن ، ئوقۇتقۇچى ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنى ماختاپ قويغان چاغلاردا قاتتىق غەزەپلىنىشى ھەتتا كېچىلىك ئۇيقۇ ھارام بولۇشى مۇمكىن.

ئۆزىنى تاشلىۋېتىش: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلار دائىم دېگۈدەك ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ، ئۆزىنى يارىماس چاغلاپ تىرىشمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۆزلىرىگە ئۆچلۈك قىلىدۇ، كوچىلاردا قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىدۇ، كېچىلىرى سىرتلارغا يالغۇز چىقىپ كېتىدۇ، ئاغرىپ قالغان چاغلاردا داۋالىنىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى خەتەرلىك ھەم قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

رىقابەتتىن قېچىش: گەرچە ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بەزى بالىلار ئىمتىھان، تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ياكى مەدەنىيەت پائالىيەت مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ئىشەنچ كەمچىل بولغاچقا، ھەرگىز غەلبە قىلالمايمەن دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى كەمسىتىدىغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر خىل مۇسابىقىلەردە ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بەزىلىرى باشقىلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن مۇسابىقىلىرىگە مەجبۇرىي تىزىملاتسىمۇ، رەسمىي مۇسابىقە باشلانغان چاغدا، تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، قاچاق ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

تىل ئىپادىسى ناچار بولۇش: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ سەكسەن پىرسەنتتىن كۆپرەكىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجىزراق بولىدىكەن. يەنى كېكەچلەش ياكى ئىپادىسى ئۈزلۈكسىز بولماسلىق، ئىپادىلەش ھېسسىياتى كەمچىل بولۇش، سۆزى تولۇق بولماسلىق دېگەندەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىنىڭ چوڭ مېڭىدىكى تىل ئۆگىنىشكە مەسئۇل سىستېمىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئوڭۇشسىزلىق ۋە كېسەللىكلەرنى قوبۇل قىلالماسلىق: ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى نورمال بالىلار بەرداشلىق بەرگەن ئوڭۇشسىزلىق، كېسەللىك قاتارلىق پاسسىپ ئامىللار ئېلىپ كەلگەن بېسىملارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يەنە كىچىككىنە مەغلۇبىيەت ياكى كىچىككىنە كېسەللىكلەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي، ۋايساپ كېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا كۆچۈپ كېتىش،تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتۈش ۋە ئاتا ئانىسى كېسەل بولۇپ قېلىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلارغىمۇ ئاسانلىقچە ماسلىشالمايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى