ئاغرىنماڭ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى «ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماق»قا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ.

ئاغرىنىش ــ بىر خىل زەھەرلىك دورا، ئۇ ئىرادىڭىزنى گۇمران قىلىدۇ، قەدىر - قىممىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن نابۇت قىلىدۇ، قىزغىنلىقىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. تەقدىردىن ئاغرىنغاندىن كۆرە تەقدىرنى ئۆزگەرتكەن ياخشى، تۇرمۇشتىن ئاغرىنغاندىن كۆرە تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكەن تۈزۈك، ئاغرىنىش ئارقىلىق ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاغرىنماڭ، بۈگۈنكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى تاللاشلىرىڭىزغا تۆلەۋاتقان بەدىلىڭىز، ھېچ ئىشنى خاتا قىلمىدىم، دەپ ئويلاپ قالماڭ.

ھەرقانداق ئادەمدىن ئاغرىنماڭ. ئاغرىنىش سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە يوققا چىقىرىدۇ. ھېچكىم سىزنىڭ ئاغرىنىشىڭىزنىڭ سەۋەبىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت سىزنىڭ ناچار كەيپىياتىڭىزدىن بىزارلىق ھېس قىلىدۇ، خالاس. ئاغرىنىشنىڭ سىزنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ھېسسىياتىڭىزنى سۇسلاشتۇرۇشتىن باشقا، ھېچقانداق رولى يوق.

ھاياتىڭىزدا ھەممە ئىش كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ؛ تۇرمۇش نەدىمۇ ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولسۇن. ئەگەر، ئازابلانسىڭىز كۆككە نەزەر سېلىڭ، ئاسمان شۇنچە كەڭرى، سىزنىڭ بارلىق ئازابلىرىڭىزنى سىغدۇرالايدۇ؛ ئەگەر، ئىچىڭىز پۇشقان بولسا شاماللىق يەرلەرگە بېرىڭ، شامال شۇنچە يېقىملىق، كۆڭلىڭىزنى بەزلىيەلەيدۇ؛ ناۋادا، گاڭگىراپ قالسىڭىز ئايغا قاراڭ، ئاي شۇنچە گۈزەل، قاراڭغۇلۇقتا سىزگە يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ؛ ئەگەر، خاپا بولۇپ قالغان بولسىڭىز ئۇخلاڭ، كارىۋات نېمىدېگەن راھەت، ئويغانغاندا كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىپ قالىدۇ.

مەيلى سىز قانداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاڭ، ھامان ئېرىشىش بىلەن يوقىتىش تەڭ مەۋجۇت. شۇڭا، باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ يۈرمەڭ، شۇنداقلا ئاغرىنىپمۇ يۈرمەڭ. سىزنىڭ قىلالايدىغىنىڭىز جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش.

مەيلى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بىر ئۆمۈر پايپېتەك بولۇپ ياشاپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېرىشمەكچى بولغىنى تىنچ، بەختلىك تۇرمۇش. قۇياش پارقىراپ چىقمىسا، شامالنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاڭ، يامغۇردىن ھۇزۇرلىنىڭ؛ گۈل - چېچەكلەر بولمىسا، لايدا ئۆسكەن خۇشپۇراق ئوت - چۆپلەردىن ھۇزۇرلىنىڭ؛ چاۋاك بولمىسا، تۇرمۇشنىڭ تىنچلىقىدىن،يالغۇزلۇقتىكى جىمجىتلىقتىن ھۇزۇرلىنىڭ. كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، ھەقىقىي ھېسسىياتنى قەدىرلەپ، يېقىندىكى بەختنى ھېس قىلىپ، گۈزەل روھىي كەيپىياتتىن ھۇزۇرلىنىڭ، ۋاقىتنى مېڭىشىغا قويىۋېتىڭ، ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتىۋېرىدۇ، ئاغرىنماڭ، زارلانماڭ، قايغۇرماڭ، ئەمما ئۇتتۇرغانغا تەن بەرمەڭ.

قىسقىسى، كىشىلىك تۇرمۇشتا ئاغرىنمىسىڭىز ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا ماڭىدۇ. قەلبتە ئۈمىد نۇرى يالقۇنجىسىلا، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمىسىڭىزلا، تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟سىزگە قانداق جورا مۇۋاپىق؟ ئەلداۋا پىسخىك ساۋاتلىرى: چىقىشقاق كىشىلەر ئەگەر سىز كۆپچىلىك بىلەن ئارىلىشىشنى، قايناق سورۇنلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئوخشاش جورا تېپىڭ. ئەگەر ئىكك
  •  سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ سىز لاياقەتلىك خوتۇنمۇ؟ ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسى : پىسخىك ساغلاملىققا دائىر سىناشلار: 1. سىز ئېرىڭىزنىڭ ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تامامەن ئەركىنلىك بېرەمسىز؟ 2. سىز بار كۈچىڭىز بىلەن ئائىلىڭىزنى با
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى