ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئىلگىرى «دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى» دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلاتتى، بۇ، مېنى ئۆزىگە بەكلا جەلب قىلاتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئۆرپ - ئادەتلىرى توغرىسىدا ئويلاندۇراتتى.

 
 «قېرى يىگىتنىڭ تويى» ناملىق دراممىنى كۆرگىنىمدە، تېخى توي قىلىش يېشىغا يەتمىگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك، « بۇنچىۋالا ئەمەستۇ» دېگەن ئويدىمۇ بولغانىدىم. بولۇپمۇ دراممىدىكى باش پىرسۇناژ بىر «ئۆلۈپ»، تارىختىكى ئاشىق-مەشۇقلاردىن نۇرۇم بىلەن كۆرۈشكەندە، نۇرۇمغا :«ھازىر كىچىك چاي، چوڭ چاينىڭ ھەر بىرىگە بىر توپاقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن نەرسە كېتىدۇ» دېگەن سۆزى مۇنداقلا دېيىلگەن سۆز ئەمەسلىكىنى بارا - بارا چۈشىنىپ يەتتىم.
 
 ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە شۇ نەرسە مېنى ئويلاندۇرىدۇكى، ئەينى يىللىرى ئەنە شۇنداق دراممىلار ئىشلىنىپ، توي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزدىكى توي سېلىقلىرى، توي تەرتىپلەرنى قىسقارتىش توغرىسىدا تەشۋىقاتلار قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل بۇ ئىشلار بېسىقىپ قالغاندەك تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان توي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىز مۇرەككەپلىشىپ، توي رەسمىيەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ.
 
    
توي قىلىش ئەلۋەتتە ئاددى ئىش ئەمەس
توينىڭ مەقسىتى مۇھەببەتلەشكەن، بىر ئۆمۈرگە بىللە ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان ئىككى ياشنى ۋىسالىغا يەتكۈزۈپ بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولسا بولاتتى. بىراق، ئۇنىڭغا تويى بولىدىغانلارغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئۇلار بىلەن بەك چوڭ مۇناسىۋىتى يوق يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى تەلەپلىرى قوشۇلۇپ، _توينىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.
 
   ئەسلىدىنلا رەت تەرتىپى كۆپ ھىسابلىنىدىغان توي ئادەتلىرىمىزگە يەنە باشقىلارنىڭكىنى قوشۇلۇپ، توي مۇراسىملىرىمىزنى باشقىچە بىر خىل كەيپىيات ۋە ناتونۇش مۇھىتقا ئىگە قىلدى. ئۆزىمىزگە يات ئادەتلەرنى قوشۇۋېلىپ، ئارتۇقچە ھەشەم  قىلىش قانداقتۇر باشقىلاردىن «ئۈستۈن» تۇرۇش، «باشقىلارنىڭ ئاغزىدا تويىنى مۇنداق قىلىپتۇ» دېگەن ئاتاقنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.
 
   ئەتراپقا قاراپ باقساق باشقىلارنىڭ توي مۇراسىمى شۇنچە رومانتىك تۇيۇلغاچقا، ئۆزىنىڭكىنىڭ «مەتو» توي مۇراسىمى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن.
 
  ئويلاپ كۆرسەك، ئىلگىرى پەقەت تېلېۋېزوردىنلا چەت ئەلنىڭ تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرى ياكى كىنولىرىدىكى چەت ئەللىكلەرنىڭ توي مۇراسىملىرىنى كۆرەلەيتتۇق. ھازىر بولسا، كەسپى ئارتىس بولمىغان مەلۇم بىر چەت ئەللىكنىڭ توي مۇراسىم كۆرۈنۈشلىرىنى، ئۇ توي مۇراسىملىرىدىكى قىز - يىگىتلەرنىڭ بەختلىك ھالىتى ياكى بەزى بىر مۇراسىم ئادەتلىرىنى تور بار شارائىتتا ھەرقانداق ۋاقىتتا كۆرەلەيمىز. باشقىلارنىڭ توي مۇراسىمىنى كۆرۈپ بېقىش نورمال ئىش، ئەمما ئۇنى خالىغانچە ئۆزىنىڭكىگە تەقلىد قىلىشنى نورماللىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى سىز كۆرگەن شۇ كۆرۈنۈشلەر بەلكىم ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە شارائىتتا، ئالاھىدە ئەھۋالدا تۈزگەن توي سورۇنلىرى بولۇشى مۇمكىن.
 
ئەمدى ھازىرقى يېڭى توي قىلغان ياشلار بەكرەك ئېتىبار بېرىۋاتقان يېڭىچە توي ئادەتلىرىگە قاراپ باقايلى:
 
   تويدىن ئىلگىرى پالان پۇل خەجلەپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش، مەسلىھەت چېيى بولىدىغان سورۇننى توي مۇلازىمىتى شىركەتلىرىگە بۇيرۇپ ئالاھىدە بېزىتىش، مەسلىھەت چېيى كۈنى ئالاھىدە توي تەكلىپى قويۇش، 999  تال ئەتىرگۈل تىزىلغان گۈلدەستە سوۋغات قىلىش... دېگەندەك.  تۆۋەندىكى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى:
 
  
 
 
 بىر يىلغا پايلىمىغان ئون مىڭ يۈەنلىك سۈرەت
 بىر دوستۇم ماڭا توي سۈرىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى: ئۇنىڭ بىر دوستى توي قىلىپ، تويلۇق سۈرىتىنى 10 مىڭ يۈەنگە  ھۇجرىسىنىڭ بىر تېمىغا لىققىدە كەلگۈدەك يۇيدۇرۇپ ئېسىۋالغان. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ھەممەيلەن بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ بىردە ھەۋەس قىلىشسا، بىردە چۆچۈپمۇ كەتكەن. بىر سۈرەتنى 10 مىڭ يۈەنگە يۇيداتقان ئەھۋالدا، ئۇ توينىڭ قانداق ھەشەم بىلەن قىلىنغانلىقى سۆزلەپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ كېرىكى يوق، ئەلۋەتتە.
 
  ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، دوستۇم ئۇ دوستى بىلەن قايتا ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ بىر يىلغا بارمايلا ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، باشقىسىنى ئەمەس بەلكى ھېلىقى تامدىكى سۈرەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى سوراپتۇ. دوستى ئۇنىڭغا سۈرەتنى ئوتتۇرىدىن ئىككى پارچە قىلىپ بۆلۈشكەنلىكىنى، ئاندىن سۈرىتىنى ھازىر كارىۋېتى ئاستىغا قويۇۋالغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ . دېمەك ئۇلارنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يۇيداتقان سۈرىتىنىڭ «ئۆمرى» بىر يىلغىمۇ بارماپتۇ.
 
    يەنە قاراپ باقساق ئاجراشمىغان بولسىمۇ قىزغىنلىقنىڭ تۈرتكىسىدە شۇنچە پۇل خەجلەپ چۈشكەن تويلۇق سۈرەتلەرنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان، ئۇنى ئېلىپ كۆرۈشكە ۋاقتى يەتمىگەنلەر خېلىلا كۆپ. توي خاتىرە سۈرىتىگە چۈشۈش خاتا دەپ كەتكۈدەكمۇ ئىش ئەمەس. ئەمما 10 مىڭ يۈەنگىچە خىراجەت قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈش، ھەشەمەتخورلۇققا كىرىدۇ، ئەلۋەتتە.
 
   ھازىر تويلۇق سۈرەتكە تارتىش ئورۇنلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 4000-10000 يۈەنگىچە بولۇپ، ئۆمرىدە قىلىدىغان بىر قېتىم قىلىدىغان تويغا « ئۈنچىلىك پۇل خەجلىسە نېمە بولىدۇ؟» دەپ ئويلايدىغانلار كۆپ، توي كۈنى يەنە توي كۈنىنى سۈرەتكە تارتىدىغانلارنى چاقىرغاندا 1000- 3000 يۈەنگىچە پۇل كېتىدۇ، مۇشۇ تەرىقىدە بارا - بارا «ئۆمرىمىزدە قىلىدىغان بىر تويغا» دەپ خەجلىنىدىغان پۇلنىڭ سانى ئارتىپ بېرىۋېرىدۇ. 
 
   تويدىن ئاۋۋال توي سۈرەتكە چۈشۈش توغرىسىدا چەت ئەللىكلەرنىڭ ئادەتلىرىنى كۆرۈپ باقساق،  ئۇلار تويلۇق سۈرەتكە تويدىن ئاۋۋال چۈشمەستىن، توي كۈنى ۋاقىت ئاجرىتىپ چۈشىدىكەن ھەم شۇ كۈندە تارتىلغان سۈرەتنى توي خاتىرە سۈرىتى قىلىپ ساقلايدىكەن. دېمىسىمۇ توي كۈنىدىكى ھەقىقىي چىن ھىسسىيات، چىراي مىمىكىلىرى كىشىگە ئەڭ چىن تۇيغۇ بېرىدىغىنى ئېنىق. ئەنە شۇ بەختلىك مىنۇتلار ئالبوم قىلىپ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.
 
 
 مەسلىھەت چېيى ۋە توي سورۇنىنى ئالاھىدە بېزەش، «قېلىپلاشقان» توي تەكلىپى قويۇش 
 
 يېقىندىن بۇيان ياشلارنىڭ تويىدا بۇنداق بىزەش ئەۋج ئېلىپ قالدى. ئىگىلىشىمچە، بىر مەسلىھەت چاي سورۇنىنى ئاددى قىلىپ بېزىگەندە، 1500-2000 يۈەنگىچە، ھەشەمەتلىك قىلىپ بېزىگەندە ، 4000 يۈەنگىچە پۇل كېتىدىكەن. ئەسلىدىمۇ رېستۇرانلار بېزەلگىنى ئۈچۈن ئىستىمالى ئادەتتىكى ئاشخانىلاردىن يۇقىرىراق بولىدۇ، ئۇنىڭغا بۇ خىل بېزەش قوشۇلسا، توينىڭ چىقىمى تېخىمۇ ئارتىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق.
 
 تويغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر سورۇننى چەت ئەلچە پاسۇندا ياساش، چەت ئەلنىڭ تويلىرىدىكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە، توي ئادىتىگە خاس بەزىبىر ئادەتلەرنى كۆچۈرۈپ كىرىش توينىڭ بېسىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدۇ. بۇ ئارتۇقچە ھەشەملەر ئىقتىساد يار بەرگەن ئەھۋالدا ئۆزىنى - ئۆزى ھاردۇرۇش، شۇنداقلا باشقىلارغا بايلىقىنى كۆز - كۆز قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا روھىي بېسىم قىلىش ھىسابلانسا، ئىقتىساد يار بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۆزىگە روھىي بېسىم ھەم ئىقتىسادى بېسىم قىلىشتۇر.
 
 ئادەتتە قىز - يىگىت توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن ئاندىن مەسلىھەت چاي ئۆتكۈزۈشنى باشلايدۇ. ئوغۇلنىڭ توي تەكلىپىنى قانداق قويۇشى، قىزنىڭ قانداق ماقۇللۇق بېرىشى ھەممەيلەننىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش. ئەمما ھازىر مەسلىھەت چايدا يىگىت قىزلار يىغىلغان سورۇنغا كىرىپ ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا توي تەكلىپى قويۇش، 999 تالغىچە ئەتىرگۈل سوۋغات قىلىش، تىزلىنىپ گۈل تۇتۇش دېگەندەك بىر قاتار شەكىللەر ئەۋج ئاپتۇ. ئەمەلىيەتتە توينىڭ ھەربىر ھالقىلىرىغىچە سىتىخىيلىك ھالدا باشقىلارنى دوراشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق. مۇھىمى تويدىن كېيىن ئائىلىنى قانداق ماڭدۇرۇش، پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيەلەشتۇر. چۈنكى ھەممىمىزگە ئايانكى بىر ئائىلىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئىككى ياشنىڭ قانداق ھەشەم بىلەن قىلىنغان تويى ئەمەس بەلكى شۇ ئىككى ياشنىڭ بىر - بىرىگە مۇھەببەت بېرىپ قانداق ياشىغانلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيەلىگەنلىكى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
 
  
 
 چوڭ چاي
 
 چوڭ چاينىڭ بەك ھەشىمەتلىك بولۇپ كەتكىنى شۇنداقلا توي چېيىدىن ئاۋۋالقى كىچىكرەك كۆلەمدىكى تويدەك بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇنازىرىلەر بولغانىدى. شۇنداق بولغانسېرى چوڭ چاينىڭ ئەسلىدىكى كۆلىمى زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ. تويلۇق ئېچىشمۇ رەسمىي مۇراسىم تۈسىنى ئېلىپ، مەخسۇس تويلۇق ئاچىدىغان رىياسەتچىلەر بارلىققا كېلىپ، تويلۇقنى ئاجايىب پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئېچىپ، چايغا كەلگەنلەرنى خۇددى ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچىنىڭ ھىكايىسىدىكى بايلىق يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈردىكى بايلىقلارنى كۆرۈۋاتقاندەك ھىسسىياتقا ئەكېلىدىغان بولدى.
قىز چوڭ قىلغانلار ئەلۋەتتە قىزىنى ئىززەت - ئابرويى بىلەن ياتلىق قىلىشنى ئويلايدۇ، ئوغۇل ئۆيلىگەنلەرمۇ خەلق ئالەم ئالدىدا چوڭ توي قىلىپ بېرىشنى خالايدۇ. لېكىن ئەنە شۇ چوڭ چاينى ھەشىمەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قۇدا باجىلار ئارىسىدا كۆرۈلۈپ قالىدىغان ئىختىلاپلارنى تويى بولماقچى بولغان قىز - يىگىتنىڭ كىچىك ئائىلىسىگە تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
  
تويغا مېھمان چاقىرىش
چەت ئەلنىڭ توي مۇراسىم ئادەتلىرىدىن ئەسلى ئۆگىنىدىغانلىرىمىز ئۇلارنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئىپادىلىرى ئەمەس بەلكى ماھىيەت جەھەتتىكى بەزى تەرەپلىرى بولسا بولاتتى.  نۇقتا يۆتكەپ قارىساق توي ھەشەملىرىنى «كۆچۈرگەنلەر» پەقەت ئەڭ ھەشەمەتلىك تەرەپلىرىگە بەكرەك دىققەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بەزى تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندەك قىلىدۇ. تويغا كېلىدىغانلارنى بېكىتىشنى ئېلىپ ئېيتساق، ماتېرىياللاردىن ئىگىلىشىمىزچە، غەربلىكلەر كۆپ ھاللاردا ئىككى قېتىم بارغاق ئەۋەتىدىكەن. تۇنجى قېتىملىق بارغاق ( بىزگە شۇ كۈننى ئېلىپ قويۇڭ ) دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۆپ ھاللاردا تويدىن ئىككى - ئۈچ ئاي بۇرۇن ( ھەتتا ئالتە ئاي ~بىر يىل بۇرۇن) ئەۋەتىلىدىكەن. بارغاق تاپشۇرۇپ ئالغانلار جاۋاب قىلغاندىن كېيىن كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى بېكىتىپ، تويدىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن يەنە بىر قېتىم بارغاق ئەۋەتىدىكەن. تويغا بارىدىغانلىقىنى جەزىم قىلغانلار تويغا چوقۇم قاتنىشىدىكەن.
 شۇنداق دېسەك بەك كۆپتۈرۈۋەتكەن بولمايمىز، ئارىمىزدا توينى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بېكىتىپ توي قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاز ئەمەس. يەنە كېلىپ، تويغا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. كۆپىنچە ھاللاردا زاپاس ئۈستەل ئېلىپ قويىدىغان گەپ. بىر بولسا مېھمان جىق كېلىپ ئورۇن يېتىشمەيدىغان، بىر بولسا ئاز كېلىپ قالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقى توي قىلىپ باققانلارغا يات ئەمەس. ئالتە ھەپتە بۇرۇن بارغاق تارقىتىش بىر تەۋەككۈلچىلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نېمىشقا مۇشۇنداق دەككە - دۈككىدە چۈشۈپ قالىمىز دېگەندە، بىز تويغا مېھمان چاقىرغاندا «پالانى قېلىپ قالارمۇ ياكى پوكونىنى ئۇنتۇپ قالمايلى» دېگەن ئويدا ئادەتتە يېقىن ئۆتمەيدىغان، دائىملىق مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدە يوق كىشىلەرنى يەنە ئادەتتىكىدەك سالاملىشىدىغان تونۇش - بىلىشلەرنىمۇ تويغا چاقىرىۋالىمىز. مانا مۇشۇنداق تويغا مېھماننى كۆپ چاقىرىشمۇ «پالانچىنىڭ تويىغا مانچىلىك ئادەم كەپتۇ»دېگەن ئاتاقنى ئېلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، تويغا قانچە كۆپ ئادەم كەلسە، شۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىشمۇ ھەشىمەتخورلۇقنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.
   تويغا چاقىرىلغان مېھماننىڭ سانى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۈستەل يېتىشمەسلىك ياكى كەلگەن مېھمانلار قىستىلىشىپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تويغا ئۆز كۆڭلىدىكىدەك داخىل بولالمىغان مېھمانلار ئاغرىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭغا ساھىبخانلارنىڭ «تويدىن يامانلىساڭ توي قىلىپ باق» دېگەن گېپى تەييار.  ئەمەلىيەتتە، ئارتۇقچە ھەشەمنى، قۇرۇق ئابروينى قوغلاشمىغاندا ئازغىنە مېھمان بىلەن شۇلارغا چۇشلۇق سېلىنغان داستىخان بىلەنمۇ توينى چىرايلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. 
 
   
 
 
توي رىياسەتچىلىكى
 مەيلى چەت ئەللىكلەرنىڭ تويى بولسۇن، ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ تويى بولسۇن، ھەممىسىدە تويغا باش بولىدىغان ئادەم چوقۇم تەيىنلىنىدۇ. يىگىت تەرەپ يىگىت بېشى، قىز تەرەپ قىز بېشىنى تەيىنلەيدۇ. يىگىت ياكى قىز بېشىنىڭ ۋەزىپىسى كۆپ ھاللاردا شۇ توينىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىنى قائىدە - يوسۇن بويىچە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تويى بولغان يىگىت ياكى قىز شۇ كۈنكى باش پىرسۇناژ بولۇش سۈپىتى بىلەن توينىڭ ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قول تىقىپ ئارىلاشماي، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كىشىلىرىگە ھاۋالە قىلغان بولىدۇ.
 
   ئۇلاردىن باشقا يەنە ھازىرقى تويلىرىمىزدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن رېستۇراننىڭ رىياسەتچىسى توي مۇراسىمىدىكى قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىش، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش، قىز - يىگىتنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىش قاتارلىق تەرتىپلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىشتىن ئاۋۋال قىز - يىگىتنى تەكلىپ قىلىپ ناخشا بىلەن رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاتا - ئانىسىغا ئۈچ تازىم قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللار يېقىندىن بۇيانقى توي رىياسەتچىلىكىدە ئەۋج ئېلىپ قالدى. بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا - ئانىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېشىمىز يەرگە تەگكۈدەك تازىم قىلساق ئەرزىيدۇ. تولۇق قىلىنغان بىر تازىم ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەشكە يېتىدۇ. ھازىر ئەۋج ئېلىۋاتقان ھەربىر تازىم ئارىلىقىغا ناخشا قوشۇپ، قەدەممۇ قەدەم مېڭىپ ئۈچ تازىم قىلىش بىزنىڭ ئەنئەنىمىزگە يات. ئۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق . مانا مۇشۇنىڭدەك رېستۇرانلارنىڭ توي رىياسەتچىلىرى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزگىچە ئادەت ۋە يوسۇنلارنى كۆپەيتىپ رىياسەتچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە تويدىكى ھەشەم يالغۇز ماددى جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى مەنىۋى جەھەتتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.  مۇشۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بىر تازىم بىلەن پۈتىدىغان ئىشنى ئۈچ تازىمغا ئۆزگەرتىش، دەل مەنىۋى جەھەتتىكى ئاشۇرۇۋېتىشتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، تويى بولغان يىگىت - قىزغا بەخت تىلىگەندە، ئادەتتە يۇرت چوڭى ياكى شۇ تويدىكى ئاق ساقالدىن بىرەيلەننى دۇئا قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. دۇئاغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىنىڭ ئەلۋەتتە قىز - يىگىتكە بەخت تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى ئېنىق. ھازىر دۇئانى تويدىكى ئاق ساقال ئەمەس، بەلكى رىياسەتچى ياكى ناخشىچى مىكروفوندا دېيىشنى قىلىدۇ، بۇمۇ بىزنىڭ توي ئادەتلىرىمىزگە يات ئادەتتۇر. 
 
 
 تارقاتقۇچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ
 توي ئەسلىدىنلا ئىككى ياشنىڭ توي قىلغانلىقىنى خەلق ئالەمگە بىلدۈرۈشتۇر. باشتا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ھازىر زامانىۋى تاراتقۇلار كۆپ تەرەققىي قىلىپ كەتتى، ھازىر بولغان ئىشنى ھازىرلا ئۈندىدار ئارقىلىق كۆپچىلىككە تارقىتالايمىز. ئەمما خۇددى ئۆزئارا سۆزلەشكەندە تىل شارائىتى(كونتىكىست) بولغاندەك سىز قاتناشقان ھەرقانداق مۇراسىممۇ بىر ئالاھىدە شارائىتقا تەۋە. بۇ دېگىنىمىز سىز سىنغا تارتىپ تارقاتقان كۆرۈنۈش بەلكىم پەقەت قىزلارلا ئولتۇرغان سورۇن ياكى ئوغۇللارلا ئولتۇرغان سورۇن، ۋە ياكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا ئوخشاش قىز - يىگىتلەر بىللە ئولتۇرغان سورۇن بولۇشى مۇمكىن. شۇ سورۇندىكى ئادەملەرنىڭ سالاھىيىتى سىزگىلا ئايان ئەمما سىز تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن نامەلۇمدۇر. مانا شۇنداق ئالاھىدە مۇراسىم ياكى سورۇندا قاتناشقۇچىلارنىڭ شۇ كەيپىياتقا تەۋە ھىسسىياتى ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى سىنغا تارتىش «سىزگە ئايدىڭ، باشقىلارغا ئېنىق بولمىغان» چۈشەنچە بېرىدۇ. ئەنە شۇنداق مەلۇم بىر كىشىنىڭ  ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا تەييارلىغان ئالاھىدە توي سورۇنىدىن ئۈزۈپلا تارتىۋالغان سىن كۆرۈنۈشىنى ئۈلگە قىلىپ، چوقۇم شۇنىڭدەك توي قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئەخمەقلىقتۇر. شۇڭا ھەشەم بىلەن قىلىنغان توي مۇراسىملىرىنىمۇ بار كۈچ بىلەن تارقىتىشمۇ ئايرىم بىر قىسىم كىشىلەرگە روھىي بېسىم بولۇپ قېلىشى، ھەشەمەتخورلۇقنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
 
 بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ گېزىتىمىزدە 30 كىشلىك مېھمان چاقىرىپ قىلىنغان توي، ئەھمىيەتلىك سوۋغاتلارنى تارقاتقان، بىر كىشلىكتىن تاماق چىقارغان تويلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان. يىغىنچاقلىغاندا، ھەرقانچە ھەشەم بىلەن قىلىنغان توينىڭمۇ ئاخىرقى مەقسىتى ئائىلە قۇرۇش، ئاز مېھمان بىلەن ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن توينىڭمۇ ئاخىرقى مەقسىتى ئائىلە قۇرۇشتۇر.
 
تويدىن كېيىن، ئۆينى تۇتۇپ كېتىشتە يەنىلا ئىقتىساد مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، تويدىن ئىلگىرى ئارتۇقچە ھەشەم قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادنى خورىتىش، كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈنلا ھەشەم قىلىش ئەخمىقانىلىقتۇر. 

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر