يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن.
 
    
 
كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىزدۇر.
 
كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقىتلاردا بولكا يەپ بەرسىڭىز، بولۇپمۇ بۇغداي بولكىسى يېسىڭىز كۆڭلىڭىزدىكى بىئارامچىلىق يوقاپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بولكا تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1 بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
 ئامېرىكا ۋېلىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى بېنتون مۇنداق دەپ قارىدى: «ۋىتامىن B1 كەيپىياتنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن كۆپىنچە كىشىلەردە ۋىتامىن B1 كەم، تاماقنى بەك تاللاپ يەيدىغان ئادەملەردە ۋىتامىن B1 كەم بولغانسېرى كەيپىياتى ئاسانلا ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ۋىتامىن B1 نىڭ كەملىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى: ئاسانلا چارچاش ھېس قىلىش، ئەگەردە ۋىتامىن B1 ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولسا، شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى يوقىلىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەملەر ئادەتتە قارا ئاشلىق ياكى بۇغداي تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.
 
  
 
تىنچلانغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا ماروژنى يەپ بېرىڭ.
 
   شېكەر قومۇشى، ماروژنى قاتارلىق تاتلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن B2 ۋە كالتسىي بار، ۋىتامىن B2 نىڭ ئاياللارنىڭ بەدىنىگە سۈمۈرلۈشى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاسانراق بولغاچقا، ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ئەرلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ياخشى، تەپەككۇر يولى تەرتىپلىك، ئېغىر - بېسىق بولىدىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا كالتسىيمۇ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
 
   ياشانغان ئاياللاردا ۋىتامىن B2 نىڭ كەم بولۇشى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ھامىلىدار ئاياللار، ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدىغان ئاياللار، گۆشسىز تاماق يەيدىغان ئاياللاردىمۇ ۋىتامىن B2 ۋە كالتسىي كەم بولىدىكەن.
 
 
ئاسان ئاچچىقلىنامسىز؟ قاتتىق پوستىلىق مېۋە يەپ بېرىڭ.
 
    ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ياكى روھىي بېسىمى ئېغىر كىشىلەر ياڭاق، گازىر، كاۋا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاسان ئاچچىقلانمايدىغان بولىدىكەن. چۈنكى بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ۋىتامىن B6 مول بولغاچقا روھىي ھالەتنى ياخشىلاشقا ياردىمى زور بولىدىكەن.
 
   ۋىتامىن B6 كەم كىشىلەردە ئاسان ئاچچىقلىندىغان، روھىي كەيپىياتى ناچارلىشىپ، مىجەز - خۇلقى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن. ياشلار - ئۆسمۈرلەردە ۋىتامىن B6 كەم بولغاندا زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پىيى تارتىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز چۆچۈيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. لېكىن ياشلار - ئۆسمۈرلەر بۇرۇقتۇرما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا چوقۇم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش كېرەك ئىكەن، بۇنداق ھالەتتە يېمەكلىك يېيىش ئارقىلىق داۋالاش كار قىلمايدىكەن.
 
  
 
دائىم يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟ ئۇنداقتا سىزدە ۋىتامىن C كەمچىل ئىكەن.
 
   بىزدە: «گۆش يېيىشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ مىجەزى ناچارراق بولىدۇ، سەي - كۆكتات يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر مۇلايىم كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، سەي - كۆكتاتلار ھەقىقەتەنمۇ كەيپىيات تەڭشەشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ تەركىبىدە ۋىتامىن C  مول بولغان مېۋە - چىۋە، سەي - كۆكتاتلارنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشتە رولى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.
 
  ۋىتامىن C يەنە «ئاسكوربىك كىسلاتا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىمۇ ئاشۇرىدىكەن. ئۇ يەنە بەدىنىمىزدىكى دوپامىن، ئوڭ بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى قاتارلىق ئاكتىپ فاكتورلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان مۇھىم تەركىب ھېسابلىنىدىكەن. بەدەندە ۋىتامىن C كەم بولغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتى ناچارلاپ، بۇرۇقتۇرمىلىشىپ، يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن.
 
  
 
ئىمتىھان بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بېلىق يەپ بېرىڭ
 
    ئىمتىھان يېقىنلاشقاندا جىددىيلىشىش، ئىمتىھان بىلەن قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. بېلىقنىڭ تەركىبىدە ياغ كىسلاتاسى مول بولغاچقا، ئۇ جىددىيلىكنى پەسەيتىدىغان ئەڭ ياخشى دورا. ئۇنىڭ رولى لىتىي كاربونات قاتارلىق دورىلارنىڭ رولى بىلەن تەڭ بولۇپ، بەدىنىمىزدىكى ئاجراتمىلارنىڭ خۇشال كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان سېروتونىننىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
 
    تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېلىق مېيى ئادەمنى جىددىي ھالەتتىكى قارشىلىشىش تۇيغۇسىنى ئازايتالايدىكەن. ماي تۈرىدىكى، بولۇپمۇ تويۇنمىغان ھالەتتىكى ماي كىسلاتاسى ناچار كەيپىياتنى يوقىتىشقا پايدىلىق ئىكەن.
 
    
 
كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىشىپ ئەندىشىچىلىك تۇيغۇڭىز كۆپىيىپ كېتىپ بارامدۇ؟ ئۇنداقتا دادۇر، تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىڭ.
 
   ئەگەردە دېيشىپ قويغان ئۇچرىشىشىڭىز ياكى قىلىدىغان ئىشىڭىزنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغان، يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدىغان، ئۆگىنىش بىلىم نۇقتىلىرىنى، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەش ئىقتىدارىڭىز تۆۋەنلەپ، كەيپىياتىڭىز تۇراقسىزلىشىپ، ئۆزىڭىزدە ئەندىشىچىلىك تۇيغۇسى پەيدا بولغاندەك ھېس قىلغان بولسىڭىز، بۇ بەدىنىڭىزدە خولىننىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا خولىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر(مەسىلەن: كاناماش (دادۇر)، تۇخۇم، گۈرۈچ، ئۇنى قاتارلىقلار) نى، نىكوتىنىك كىسلاتالىق يىمەكلىك (مەسىلەن: يەر ياڭىقى، بولكا، پەمىدۇر) نى ئىستېمال قىلىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن. چۈنكى خولىن نىكوتىنىك كىسلاتاسى بىلەن بىرىكسە ئاتسېتىلخولىن ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ ماددا ئەندىشە تۇيغۇسىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن. خولىن كەيپىياتنى تۇراقلاشۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
 
    خولىن مىقدارى كۆپ يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى تۇخۇم تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، ھايۋانلارنىڭ مېڭىسى، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالىرى، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، كاناماش، يەر ياڭىقى، كۆكتاتلاردىن ئوسۇڭ قاتارلىقلار ئىكەن، چېچەكسەي تەركىبىدىمۇ خولىن مول ئىكەن.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش
  •  تۈز گەپ قىلىدىغانلار ئۆزىنىلا ئويلايدۇ تۈز گەپ قىلىدىغانلار ئۆزىنىلا ئويلايدۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا گەپنى ئۇدۇللا قىلىدىغان ئادەملەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن گەپ قىلىدىغان ئادىتى باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ تۇرس