دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ:

ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟

 ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسىدە تىرىشىپ ئىشلىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ پۇلنىڭ ئىگىسى بولالايسەن.

يەنە بىر بالىمۇ دادىىسىدىن سوراپتۇ:

 ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟

 ــ بار، ناھايىتى كۆپ پۇلىمىز بار. بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە سېنىڭ بولىدۇ.

ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل جاۋاب ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەربىيەنى بەلگىلەيدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تەربىيە ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ھاياتلىق يولىنى پەيدا قىلىدۇ.

ناھايىتى روشەنكى، بىرىنچى دادىنىڭ جاۋابى بىر بالىنىڭ توغرا بولغان بايلىق قارىشى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، بالىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان ھالال ئەمگەكچىگە ئايلاندۇرۇشى، ئەمما ئىككىنچى دادىنىڭ جاۋابى بىر بالىنى ئاجىز، ئىقتىدارسىز، مۇستەقىل ياشىيالمايدىغان، ئاتا - ئانىسىغا تايىنىۋالىدىغان، ھۇرۇن، تەييارتاپقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار ئۆزئارا باراۋەر بولۇشى كېرەك.

بالا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزى ئىزدىشى، ئۆزىگە تايىنىپ يارىتىشى كېرەك. ئۇلار ئاتا - ئانىلارنىڭ پارازىت قۇرتى ئەمەس. ئاتا - ئانىلار چوقۇم ئۆزلىرى ئۈچۈن ياشىشى، بالىلارنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.

بالىغا بەك ئامراقلىق قىلىش شەكلى ئۆزگەرگەن «زىيانكەشلىك»تۇر.

بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئاتا - ئانىنىڭ بالا ئۈچۈن تۆلىگەن شەخسىيەتسىز ۋە ئارمانسىز بەدەللىرى بالىدا رەھىمسىزلىك ۋە ئىقتىدارسىزلىق پەيدا قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. چېكىدىن ئاشقان ئامراقلىق يەنە بالىنى ئېلىشنىلا بىلىدىغان، قايتۇرۇشنى ۋە مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. بالىدا ئەڭ ياخشى نەرسىلەرگە ئىنتىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بالىلارغا بېرىشتىن ياخشى بولىدۇ.

بالىغا قالايمىقان پۇل بەرمەسلىك، ئەمگىكىگە تايىنىپ پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى ئۆگىتىش كېرەك.

بالىڭىزغا بىلىمگە تايىنىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، بايلىقنى ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشىنى يارىتالايدىغانلىقىنى، سىزنىڭ پۇلىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈڭ.

ئەگەر، بالىڭىز «بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟» دەپ سوراپ قالسا، سىز چوقۇم بىرىنچى دادىغا ئوخشاش «مېنىڭ بار، سېنىڭ يوق، مەن ساڭا ھېچنېمىگە قەرز ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزۈڭ يارىتىشىڭ، تىرىشىپ ئىشلىشىڭ كېرەك، تەييارتاپقا ھېچنېمە يوق» دېيەلىشىڭىز كېرەك.

مۇشۇنداق بولغاندىلا، بالا مۇستەقىل خاراكتېرگە ھەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش يولىغا ئىگە بولالىشى مۇمكىن. بالىغا مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇش ماددىي بايلىق قالدۇرۇشتىن ئەﻻ. پەقەت مەنىۋى بايلىقلا بالىنى بىر ئۆمۈر مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش