تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

«تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز «داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر» دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپەۋى پىكىر، شۇنداقلا كەڭ تۇرمۇش ھېكمەتلىرى يوشۇرۇنغان.

ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەممە ئادەم تۇرمۇش قاينىمى ئىچىدە ياشايدۇ. تۇرمۇش دېمەك جاپا- مۇشەققەت دېمەكتۇر. جاپا- مۇشەققەتسىز تۇرمۇشنىڭ لەززىتى بولمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشقا قانچە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرسە تۇرمۇشنىڭ قەدرىگە شۇنچە يېتىدۇ. ئاددىي ئادەملەرنىڭمۇ، مەشھۇر شەخسلەرنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا تۇرمۇشى بولىدۇ. تۇرمۇشنى بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەي بولمايدۇ.

ھازىر مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن ئالدىن بېيىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. يەنە بېيىش يولىدا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ سان- ساناقسىز. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل تېپىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بار. لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پۇل تېپىش، تۇرمۇشنى قامداش كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، تۇرمۇش شارائىتىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پەرقلىق بولماقتا. يەنە كېلىپ بۇنداق كىشىلەر ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارمۇ بىر قەدەر كۆپ. ئۇلار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەي دېسە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئاتا- ئانىسى مىڭبىر جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىۋەتكەچكە، يەنە پۇل دېيىشتىن خىجىل بولىدۇ. بىرەر ئورۇندا ئىشلەي دېسە جىسمانىي ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە قىلاي دېسە ئىش دېگەن كۆپ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت دېگەن يەتكىچە بار. ھاياتلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر پۇرسەت. تۇرمۇشىمىز ئېغىر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغاندا، پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا خىجىل بولۇش دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، بىرەر ئىش تېپىپ قىلىشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى بايلارمۇ تۇرمۇشقا ئەجىر سىڭدۈرمەيلا باي بولغان ئەمەس، نۇرغۇن جاپا- مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلەپ چىققان. بىزمۇ باي بولۇشنى خالىساقلا، جاپا چېكىشتىن قورقمىساقلا بېيىش پۇرسىتى دېگەن تولا. مېنىڭچە، «تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار» دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز ھەرگىز تۇرمۇشتىن چىقىرىلغان ئاددىي يەكۈن ئەمەس، ئۇنىڭغا نۇرغۇن تۇرمۇش جەۋھەرلىرى مۇجەسسەملەنگەن.

رېئاللىققا نەزەر سالىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئالىملار ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، ئاندىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان تاماق ۋاقتى، دەم ئېلىش ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتى دېگەندەك ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلارغا ھېچكىم ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بەرمەيدۇ، پەقەت پۇرسەتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ. 

ئىگىلىك تىكلەش ھەقىقەتەن بىر مۇشەققەتلىك جەريان، ئەمما ئىشنى باشلىۋالغاندىن كېيىن بارا- بارا تەجرىبىگە ئىگە بولۇپ پىشىپ يېتىلىدىغان گەپ. سەن خىزمىتىڭنى قانچە پۇختا، قانچە ئەستايىدىل، قانچە مۇكەممەل ئىشلىسەڭ ئۇنىڭدىن ئېرىشىدىغان نەتىجەڭمۇ شۇنچە قانائەتلىنەرلىك بولىدۇ. بىزدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھەققىدە تەسىرلىك ھېكايىلەر خېلى كۆپ. ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى تۈز بولغان ئەمەس، پەقەت ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىمىزدىن ۋاز كەچمەي، ئازراق ئۈمىدلا بولىدىكەن نىشانىمىزغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشتىن باشلىشىمىز كېرەك. چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا قۇربىمىز يەتمەي، كىچىك ئىشلارنى ياراتماي يۈرسەك بىر ئۆمۈر جاپادا ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بىز قىلىشقا ئىرادە باغلىساقلا، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە، ئەتراپىمىزدا، قىلىۋاتقان كۈندىلىك ئىشلار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پۇرسەتلەر بار. پەقەت بىز شارائىت ۋە پۇرسەتنى بايقىيالىساق ۋە ئۇنى چىڭ تۇتالىساقلا، پۇرسەت بىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى
  •  يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ يېمەكلىك بىلەنمۇ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ تەتقىقاتدىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى يېمەكلىكلەر ئارقىلىقمۇ ناچار كەيپىياتتىن قۇتۇلغىلى بولىدىكەن. كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلىغۇڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا بۇغداي بولكىسى ئەڭ يا
  • ئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇرئارتۇقچە ھەشەم ئۆزىڭىزگە يۈك، ئۆزگىلەرگە روھىي بېسىمدۇر ئىلگىرى دۇنيا توي ئۆرپ- ئادەتلىرى دېگەن فىلىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس توي ئادەتلىرى تونۇش
  •  ئاغرىنماڭ ئاغرىنماڭ ئاغرىنىش ــ بىر خىل پاسسىپ ئېنېرگىيە بولۇپ، خۇددى ئۆز پۇتىغا پالتا چاپماققا ئوخشايدۇ. باشقىلارغا مەنپەئەتى تەگمىگەن كىشىنىڭ، ئۆزىمۇ پايدىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئاغرىنىش