ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھاكاۋۇرلۇق ئادەتتە ئاسان بايقىلىپ قالىدۇ ھەمدە دەل ۋاقتىدا تەنقىدلىنىپ، تۈزىتىلىپ تۇرىدۇ. ئەمما كىشىلەر يۇقىرىقىلارنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان يەنە بىر پىسخىك مەسىلە-ئۆزىنى كەمسىتىشكە سەل قارايدۇ.
  پىسخولوگىيىدە، ئۆزىنى كەمسىتىش ( كەمسىنىش ) بىر خىل ئۆزلۈك ئېڭىدىكى كەمتۈكلۈك شۇنداقلا بىر خىل ناچار خاراكتېر ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىنى كەمسىتىش ئادەتتە ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ياكى ئۆزى شۇنداق دەپ قارىغان مەلۇم يېتەرسىزلىك ياكى كەمتۈكلۈك تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان  ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە پەزىلىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىزا تارتىش، بىئارام بولۇش، ئىچى تىتىلداش، قايغۇرۇش، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارمۇ تەڭ كۆرۈلىدىغان بىر خىل ناچار كەيپىياتتىن ئىبارەت. ئۆزىنى كەمسىتىدىغان كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەردىن نومۇس قىلىدۇ، بىئارام بولىدۇ. ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىزمەتتە ئۆزىنى چۈشەپ قويۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىۋېلىپ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قورقىدۇ. بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەر مۇشۇ سەۋەبتىن يالغۇز يۈرىدۇ، ئۆزىنى تار قەپەسنىڭ ئىچىگە سولىۋالىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك، كۆڭلى زىيادە نازۇك بولۇپ، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى بەزى ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك، كۆڭلى زىيادە نازۇك بولۇپ، باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا كۆڭلى ئاسانلا ئازار يەيدۇ. ئادەمگە ئارىلاشماق تەستەك تەسىر بېرىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك ئۆزىنى كەمسىتىش كەيپىياتى ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى پىسخىكا بىلەن فىزىيولوگىيەلىك ئۆزئارا رول ئوينىشى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدا ئاسانلا كاشىلا كۆرۈلۈپ، بەزى جىسمانىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.
  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار كۆپ خىل. يەنى جىسمانىي ئامىللارمۇ، پىسخىك ئامىللارمۇ، ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسى ئامىللىرىمۇ ۋە ئىجتىمائىي ئامىل، مۇھىت ئامىللىرىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: 
1. ئۆزىنى توغرا تونۇماسلىقتىن پەيدا بولغان نېگىزلىك ئامىل. ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك باھالىيالمايدۇ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە مەغلۇبىيىتىنىلا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىگە سەل قارايدۇ. بەزى تەرەپلەردە باشقىلارغا يەتمىسىلا، ئۆزىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ. ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ تېخىمۇ ياخشى قىلالمىدىم دەپ خىجالەت بولىدۇ. ئۆزىگە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. « ئەۋلىيا، مۇكەممەل ئادەم » ئۆلچىمى بىلەن ئۆزىنى باھالايدۇ. ھەر قانداق تەرەپلەردە كەم-كۈتىسىز بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇنداق زىيادە يۇقىرى تەلەپكە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ،بۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.
2. مەغلۇپ بولۇش ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراش بولسا ئۆزىنى كەمسىتىشنى پەيدا قىلىدىغان يەنە بىر ئامىل. رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر چوڭ-كىچىك مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ھازىرقى ھالىتىگە قارىتا پاسسىپ باھالاش ئېلىپ بارىدۇ-دە،ئۆزىنى كەمسىتىش پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم داۋاملىق تۈردە ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراۋەرسە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى پەيدىنپەي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسىمۇ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
3. شەخسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى بولسا، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاشقا ماھىر بولمىسا، خالىغانچە ئەيىبلىسە ۋە تىللىسا، بالىنىڭ غۇرۇرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئائىلە شارائىتى، تەربىيەلىنىش دەرىجىسى، ئىجتىمائىي ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندا، تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنى كەمسىتىشتىن ئىبارەت پىسخىكىسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. 
4. جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئەيىبلەر ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل. ھەممىلا ئادەم چىرايلىق، بېجىرىم، ھەممە ئەزاسى ساق تۇغۇلۇپ كەتمەيدۇ. بەزى ئادەملەر تۇغۇلۇشىدىنلا چىرايلىق، بېجىرىم بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تۈرلۈك ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن مېيىپ ياكى كۆرۈمسىز بولۇپ قالىدۇ. مەيلى قانداق سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي ئەيىبلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇنىڭغا شەخسنىڭ ئامالى يوق. ھېچكىم قانداق تۇغۇلۇشىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق جىسمانىي ئەيىب يوق ئادەملەر يوق دېيەرلىك. شۇڭا، ئۆزىدىكى جىسمانىي ئەيىبلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلالمىغان كىشىلەردە، ئاسانلا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئوخشاش چىرايلىق، بېجىرىم بولمىغانلىقىدىن ئازابلىنىدۇ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىدا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى تۇرمۇشقا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى كەمسىتىشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىنى يېڭىش ئۈچۈن:
 1. ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، يەنى ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى لىللا تونۇش،يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبيېكتىپ باھالاش ئاساسىدا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى يېڭىش كېرەك.
2. ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش، تۇرمۇشتا ئۆزىگە ئېنىق نىشان تۇرغۇزۇپ، نىشاننى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىنكى غەلىبە خۇشاللىقى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى تونۇش. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆز-ئۆزىنى ماختاپ تۇرۇشنى، بەزلەشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىم.
3. ئۆزىنى كەمسىتكۈچىلەر باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاكتىپ بولۇشى كېرەك. چۈنكى مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارنىڭمۇ كەمچىلىكى بارلىقىنى بايقاش بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ بەزى جەھەتلەردە ئۆزىگە مەستلىكى كېلىدىغانلىقىنى، زوقلىنىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ ئوبيېكتىپ باھالىغىلى ھەمدە مۇناسىۋەت جەريانىدا ناچار كەيپىياتنى تۈگىتىپ، ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق ياشىغىلى بولىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى
  •  6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى 6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسىدىن سەمىڭىزگە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، شۇنداقلا ساغلام بولغان پىسخىكىنى قوغلىشىمىز. ئ
  •  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە