6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/06 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسىدىن سەمىڭىزگە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، شۇنداقلا ساغلام بولغان پىسخىكىنى قوغلىشىمىز. ئۇنداقتا، بىر ئادەمنىڭ پىسخىك جەھەتتە ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ ئادەتتە، پىسخىكا بىلە رېئاللىقنىڭ بىرلىكى، پىسخىكا بىلەن قىلمىشنىڭ بىرلىكى ۋە مىقدارىنىڭ تۇراقلىقى قاتارلىق پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئۆلچىمى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىسخىك ساغلاملىقنىڭ بەزى كونكرېت ئۆلچەملىرىمۇ بار.
پىسخىك ساغلاملىق ئۆلچەملىرى ئادەمگە پىسخىك ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن تەسىرات بېرىدۇ، بۇ بىر نەچچە تۈرلۈك ئۆلچەم بىر ئادەمنىڭ پىسخىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئوقۇرمەنلەر تۆۋەندىكى 6 تۈرلۈك كونكرېت ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ باقسا بولىدۇ: 
 
1. ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال بولۇش.
  ئەقلىي قابىلىيەت ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان پىسخىك ساپا بولۇپ، پىسخىك پائالىيەتتىكى بىلىش فۇنكسىيەسىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيەسى يۇقىرى ۋە تۆۋەن دەپ 2 بۆلۈنىدۇ. پىسخىك ساغلاملىق ئۆلچىمى بولغان ئەقلىي قابىلىيەت بولسا، ئادەم تۇرمۇشىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى نورمال سەۋىيەدە بولىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭلا ئىرسىيەت، كېسەللىك، چوڭ مېڭە نورمال يېتىلمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولىدۇ، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى مۇستەقىل، ئۈنۈملۈك ئورۇندىيالمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چىقالمايدۇ. ياخشى بولغان ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيەسى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە زۆرۈر بولغان پىسخىك ئاساس ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر 13 ياشلىق بىر بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى پەقەت سەككىز ياشلىق بالىنىڭچىلىكلا بولسا، ئۇنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى ئاستا دېيىشكە بولىدۇ.
2. كەيپىياتى ساغلام بولۇش.
  كەيپىيات بولسا، روشەن تاشقى ئىپادە ۋە چوڭقۇر ئىچكى بىلىشكە ئىگە بولغان بىر خىل پىسخىك پائالىيەت بولۇپ، ئادەمنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۈمىدۋار، ئوچۇق-يورۇق كەيپىيات ئادەمنىڭ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ، تەپەككۇرىنى ئاچىدۇ، پائالىيەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۈمىدسىز، پەرىشان كەيپىيات بولسا ئەكسىچە ئەستە ساقلاشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، تەپەككۇرنى بوغىدۇ، پائالىيەت ئۈنۈمىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كەيپىيات ساغلاملىقى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى بولۇپ، ساغلام بولغان كەيپىيات ھالىتى ئاساسلىق تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: 1) كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇش، يەنى نىسپىي تۇراقلىق بولغان كەيپىياتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش؛ 2) ئاكتىپ روھىي ھالەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇش. روھىي ھالەت دېگىنىمىز، كۈچلۈك كەيپىيات بولمىغان ۋاقىتتىكى، نىسبەتەن ئاجىز بولغان، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، تىنچ كەيپىياتتۇر. ئاكتىپ روھىي ھالەت بولسا، كۆڭۈلنى ئازادە، خۇشال تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ 3) كەيپىيات ئىنكاسى ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشى ئۆزئارا ماس كېلىش، تۇرمۇشتىكى خۇشال بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارغا خۇشال بولۇش، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە مۇناسىپ كەيپىياتنى ساقلاش؛ 4) كەيپىياتنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بولۇش. كەيپىياتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ غايىسى ۋە مۇھىتنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرالايدىغان بولۇش. ئالايلۇق، تولا ئاچچىقلىنىدىغان بىر ئادەم ئاچچىقلىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋالدا، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ ئاچچىقلانماسلىق.
3. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇش.
  كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، ھەممە ئادەم باشقىلار بىلەن ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ بىر ئادەمنىڭ ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولۇشىغا پايدىسى بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بولۇش تۆۋەندىكى 3 جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: 1) باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقا ئامراق بولۇش، ئارىلىشىدىغان دائىرىسى كەڭ بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يېقىن، سىرداش دوستلىرىمۇ بار بولۇش؛ 2) كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى ئوبدان بىلىش، ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك، شۇنداقلا غادىيىۋالماسلىق؛ 3) باشقىلارغا ئوبيېكتىپ باھا بېرەلەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىمۇ، يېتەرسىزلىكىنىمۇ كۆرەلەيدىغان، شۇنداقلا مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۆز كەمچىلىكىنى تۈزىتەلەيدىغان، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان ھەم خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلالايدىغان بولۇش.
4. رېئاللىققا ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدىغان ھەمدە رېئاللىقنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بولۇش.
  تۇرمۇشتا جەمئىيەت بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچرىشىش، رېئاللىقنى توغرا تونۇش، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان، ئىجتىمائىي مۇھىتقا، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك بېسىملار ۋە ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالايدىغان بولۇش. رېئال تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قابىل بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ئارزۇسىغا ئاساسەن بەلگىلىك نەتىجە يارىتالايدىغان، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇش.
5. ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش.
  ئۆزىنى توغرا تونۇيالايدىغان، باھالىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان بولۇش. بەك غادىيىۋالماسلىق ياكى ئۆزىنى بەك كەمسىتمەسلىك، ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى يوشۇرۇپ پەردازلىماسلىق، بىڭسى بارلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمەسلىك، شۇنداقلا كەمچىلىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرالايدىغان بولۇش. ئۆزىنى توغرا تونۇشتىن پەيدا بولغان ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش كەيپىياتى ئاساسىدا، ئۆزىگە مەمنۇنلۇق پوزىتسىيەسى تۇتۇپ، ئۆزىدىن قۇسۇر ئىزدىمەسلىك، ھەدىسىلا ئۆزىنى ئەيىبلىمەسلىك، ئۆزىدىن بىزار بولماسلىق.
6. پىسخىكىسى ۋە ھەرىكىتى ياش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولۇش.
  كىشىلىك تۇرمۇشتا، ئوخشىمىغان ياشتىكى پىسخىكا ۋە ھەرىكەت ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش قۇرامىدىكىلەر توپىمۇ كۆپلىگەن ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياش-قۇرامىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى شۇ كىشى بىلە ئوخشاش ياش قۇرامىدىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن روشەن پەرقلەنسە، بۇ ئادەتتە پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولمىغانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى
  •  6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى 6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسىدىن سەمىڭىزگە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، شۇنداقلا ساغلام بولغان پىسخىكىنى قوغلىشىمىز. ئ
  •  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە
  • دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ بىر بالا دادىسىدىن سوراپتۇ: ــ دادا، بىزنىڭ پۇلىمىز بارمۇ؟ ــ مېنىڭ بار، ئەمما سېنىڭ يوق. مەن بۇ پۇلنى تىرىشىپ - تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلەپ ئاران تاپقان. سەنمۇ كەلگۈسى