مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %96كە يەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىدا، مۇھەببەتتىكى ئەڭ ئەجەللىك بەش ئىشنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچىسى: رەت قىلىش خاراكتېرلىك سوغۇق مۇئامىلە
  بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «سىز بۇنداق ئويلىسىڭىز، مېنىڭ ئامالىم يوق»، دېيىش.
  مۇھەببەتلىشىشتىكى سوغۇق زورلۇق كۈچى ئەمەلىيەتتە بىر خىل ناھايىتى گۆدەك بولغان شەخسىيەتچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدۇر. سوغۇق ئۇرۇشتىن باشقا، يەنە ھەمراھىغا بولغان سوغۇق مۇئامىلە، سەل قاراش ۋە روھىي زەربە بېرىشمۇ بار. بۇنىڭدا، سوغۇق ھالدىكى زوراۋانلىق ئارقىلىق مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە زىددىيەت توقۇنۇشىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدىغان ئامىللارمۇ بار.
 
 ئىككىنچىسى: پىلىموت كەبى ئەيىبلەش
 بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ-سۆزلەر: «سىز نېمىشقا دائىم... »
مەسىلەن:
 
 — «نېمىشقا ئاچچىقىڭىز دائىم بۇنچە يامان؟»
 — «نېمىشقا دائىم ئۇنداق ئىچىڭىز تار؟»
 — «نېمىشقا دائىم بۇنچە بىپەرۋالىق قىلىسىز؟»، دېگەندەك.
 بەزى زىددىيەت-توقۇنۇشلارغا قارىتا، كۆپىنچە كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىزلا قارشى تەرەپنى ئەيىبلەپ كېتىدۇ. ئەيىبلەش بولسا، قارشى تەرەپنىڭ مىجەزىگە بولغان پاسسىپ باھالاش بولۇپ، ئۇ خىل ئۇسۇل مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، يەنە قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ.
 
  ئۈچىنچىسى: ئومۇميۈزلۈك ھالدىكى كەمسىتىش
  بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بولدىلا، سىزدىن يەنە نېمە ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن؟»
مۇھەببەتتە مۇتلەق باراۋەرلىك بولمايدۇ، لېكىن، بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش جەريانى بولىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك تەرەپتە ئاجىز تەرەپكە قارىتا كۆزگە ئىلماسلىق ۋە كەمسىتىش خاھىشى پەيدا بولسا، ئۇنداقتا، بۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى، كەمسىتىش ئادەتتە جۈپتىگە بولغان سەل قاراش ۋە جۈپتىنىڭ قىلغانلىرىغا كارى بولماسلىقتۇر. كەمسىتىش قىلمىشلىرى يەنە مەسخىرە قىلىش، تىللاش، دوراش ۋە ئالىيىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.
 
  تۆتىنچىسى: قاتتىق ھالدىكى مۇداپىئە
  بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «بۇ مېنىڭ خاتالىقىم بولمىسا، بۇنى مەندىن كۆرسەڭ قانداق بولىدۇ؟»
ئادەتتە مۇداپىئە كۆرۈشتىكى غەرەز بولسا، يېقىن مۇناسىۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن باھانە تېپىشىنى كۆرسىتىدۇ. باھانە- سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزىنى قاچۇرۇش بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان بىر خىل تۇغما قابىلىيىتىدۇر. لېكىن، ئەگەر باھانە تېپىش ھېسسىياتتىكى بىر مەڭگۈلۈك تېما بولۇپ قالسا، بۇ بەلكىم يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ ئاياغلىشىش سىگنالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
 
  بەشىنچىسى: ئەزەلدىن ئۆز ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرماسلىق
  بۇنىڭدا ئېغىزدىن جەزمەن چىقىدىغان گەپ: «ھە نېمە دېدىڭىز؟ بايا نېمە دېگەنتىڭىز؟ يەنە بىر دەڭە!»
  گوتماننىڭ مۇھەببەت تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشىق-مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتتا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش نىكاھنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
  ئۇنىڭ تەجرىبىسىدە، بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ جۈپتىگە: «تېز قاراڭ، دېرىزە سىرتىدا قۇش بار ئىكەن.»، دېگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئاكتىپ ھالدا ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال دېرىزە سىرتىغا قارايدىكەن، ئەمما بەزىلەر بولسا، داۋاملىق سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ، گېزىتىنى كۆرىۋېرىدىكەن. ئالتە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، گوتمان شۇنى بايقىغانكى، ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر-خوتۇنلار ئىچىدىكى پەقەت %33 كىشىلا ئەينى ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە پائال ئىنكاس قايتۇرغان. تېخى ئاجراشمىغان ئەر-خوتۇنلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %87 كىشى ئەينى ۋاقىتتا دېرىزىنىڭ سىرتىغا دەرھال قارىغانلار ئىكەن.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى
  •  6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى 6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسىدىن سەمىڭىزگە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، شۇنداقلا ساغلام بولغان پىسخىكىنى قوغلىشىمىز. ئ
  •  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
  •  تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇرسەت بار دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆز داڭلىق شەخسلەرگە ئائىت سەرخىل ھېكايىلەر دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان. بۇ جۈملىگە ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپە