پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى

سەھىپە: پسىخىكا | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش بولغان بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىگە قارىتا نۇرغۇنلىغان پىسخولوگلار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىلىق داڭلىق پىسخولوگلاردىن ماسلوۋ ۋە مىتىلمانلارنىڭ قارىشىچە،قارىشىچە پىسخىك ساغلاملىقىنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىسى بار بولۇپ، ئۇلار:
1. بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا باي بولۇش؛ 
2. ئۆزىنى تولۇق چۈشىنەلەيدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جايىدا مۆلچەرلىيەلەيدىغان بولۇش؛ 
3. تۇرمۇش نىشانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش؛
4. رېئال مۇھىت بىلەن يېقىنلىقنى ساقلاش؛
5. قەدىر-قىممەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش؛
6. تەجرىبىدىن ساۋاق ئېلىشقا ماھىر بولۇش؛
7. ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلىيالايدىغان بولۇش؛
8. كەيپىياتنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇرالايدىغان ۋە تىزگىنلىيەلەيدىغان بولۇش؛
9. كوللېكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىق ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، چەكلىك ھالدا خاسلىقنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇش؛
10. جەمئىيەت مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى مۇۋاپىق تۈردە قاندۇرلايدىغان بولۇش؛
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە بەزى پىسخولوگلار باشقىچىرەك قاراشتا بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاراشلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا، پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئىپادىلىرىنى مۇنداق تونۇشقىمۇ بولىدۇ:
  پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە ئالدى بىلەن ياخشى بولغان ئۆزلۈك ئېڭى بولۇشى كېرەك، بۇ خىل ئۆزلۈك ئېڭى شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تونۇشى، ئۆزىنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆزىنى ياخشى تونۇش بولسا، كىشىلەر دائىم دەيدىغان » ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ «، » ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قويۇپ « دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنى توغرا، ئوبيېكتىپ ھالدا تونۇيالايدىغان ۋە باھالىيالايدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ھۆرمەتلىيەلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنەلەيدىغان بولۇشتۇر. ئۆزىنى ياخشى چۈشىنىش بولسا، ئاكتىپ كەيپىيات بىلەن ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ئۆزىنى سۆيۈشتۇر. ئۆزىنى ياخشى تىزگىنلەش بولسا، ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆز كەيپىياتى ۋە ھەرىكىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلەيدىغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆز كەيپىياتىنى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرالايدىغان بولۇشتۇر.
  يەنىمۇ ئىچكىرىلىسەك، پىسخىك ساغلاملىق يەنە ياخشى بولغان ئىجتىمائىي فۇنكسىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي فۇنكسىيەنىڭ ياخشى بولۇشى ئادەمدە ئىجتىمائىي مۇھىتقا قارىتا ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىنىڭ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇنلىشىش بولسا، شەخسنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش داۋامىدىكى جەمئىيەتكە ماسلىشىش رولى بولۇپ، شەخسىي ئېھتىياجلىق بىلەن مۇھىم شارائىتى ئوتتۇرىسىدا، بىر بولسا مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ شەخسىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇش، بىر بولسا ئۆزىنىڭ مۇھىتنىڭ تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. پىسخىك ساغلاملىق ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاشنى، رېئاللىق بىلەن ئۇچرىشىش، شەرت-شارائىتلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق، ئوبيېكتىپ رېئاللىق يول قويغان ئەھۋالدا، شەخسىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق قاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىجتىمائىي رېئاللىقتا تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇنيا كەلگەن ئادەم ھەرگىزمۇ چېكىنمەسلىكى، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، بەلكىم ئاكتىپ،ئاكتىپ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇپ، جەمئىيەت بىلەن ماسلىقنى ساقلىشى لازىم.
  يەنە ئالساق،ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەتمۇ پىسخىك ساغلاملىقنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتلىك ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، پىسخىك جەھەتتىن ساغلام بولغان كىشىلەر ئەتراپىدىكىلەرگە بىلەن ئىناق، دوستانە مۇناسىۋەتلىك ئورنىتىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىك ئارقىلىق پىكىر، ھېسسىيات ئالماشتۇرىدۇ، يالغۇزلۇقنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا كىشىلىك مۇناسىۋەتلىك ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىزمەتداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ،ھەمكارلىشىدۇ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئورتاق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
  ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈپ كېرەككى، پىسخىك جەھەتتىن ساغلام بولغان كىشىلەردە يەنە ئاكتىپ بولغان ئەمگەك ئەمەلىيىتى بولۇشى كېرەك. ئەمگەك ئەمەلىيىتى بولسا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە شەخسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدىغان بىر پائالىيەت بولۇپ، ئەمگەك ئارقىلىق ئەمگەك مېۋىسىگە ئېرىشىش ۋە ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئادەمگە مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى،تۇيغۇسى بەخت تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. ئۆزلۈك ئىقتىدارىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى، ئۆزلۈك قىممىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىكى مەركەزلىك گەۋدىلىنىشىدۇر.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئوخشىمىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈش ئەلداۋادىن تۇرمۇش ساۋاتلىرى: بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان مىجەز-خاراكتېردىكى كىشىلەرنى تاللىغىنىمىز بىلەن خىزمەتتە، جامائەت سورۇنلىرىدا،
  •  پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى پىسخىك ساغلاملىقنىڭ 10 تۈرلۈك ئىپادىلىرى ئەلداۋا پىسخىك ساغلاملىق يېتەكچىسى: قانداق كىشىلەر پىسخىك جەھەتتە ساغلام كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ؟ پىسخىك جەھەتتە ساغلام بولغان كىشىلەردە قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپاد
  • مۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىشمۇھەببەتتىكى ئەجەللىك بەش ئىش خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىلىق پىسخولوگىيە ئالىمى جون گوتماننىڭ نىكاھنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىگە بولغان مۆلچىرى
  •  6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى 6 تۈرلۈك پىسخىك ساغلاملىقنىڭ ئۆلچەملىرى ئەلداۋا پىسخىك يېتەكچىسىدىن سەمىڭىزگە: كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز دائىم تۈرلۈك بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، شۇنداقلا ساغلام بولغان پىسخىكىنى قوغلىشىمىز. ئ
  •  ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسى رېئال تۇرمۇشتا، كىشىلەر ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ھاكاۋۇر كىشىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقنىڭ كۆپىنچە نادانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ