خوتۇنلار سەمىگە: تۇرمۇش ئىناقلىق رېتسىپلىرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى | ۋاقتى: 2012/01/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: تاشقىن | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

خوتۇنلار  ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئىدارە قىلىش ماھارىتىنى ئىگەللىۋېلىشى كېرەك

جوۋ شىياۋچۈن


نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمى بارغانسىرى ئېغىرلاشماقتا،  قىز-ئوغۇللار يىتىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى بالىلىقىدىن خوشلىشىپ، تۇرمۇشلۇق بولۇش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار خىزمەتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كىلىپلا قالماستىن يەنە تۇرمۇشنىڭمۇ بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ، ئاياللار ياتلىق بولۇپ، بالا تۇغۇپ، ئائىلىسىگە ھەسسە قوشسىمۇ بەزىدە ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى بەزىبىر زىددىيەتتىن قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا بىر  ئايالنىڭ ياخشى بىر خوتۇن بولۇپ چىقمىقى بەزىدە ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۇرمۇش غەلۋىرىدە تاسقىلىپ چىقىشىغا توغرا كېلىدۇ.
       ئادەتتە ئاياللارنىڭ تويدىن بۇرۇن ۋە تويدىن كېيىن ئېرىگە بولغان پوزىتسىيەسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، تويدىن بۇرۇن ئەرلەر بولغۇسى ئايالىنىڭ سۆزىنى سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ، شۇڭا ئايالنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى ئاساسەن ئورۇنلانغاچقا، ئايالنىڭ سۆزىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ،  ئەمما ئۇلار بىر ياستۇققا باش قويغان  ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئەرلەرنىڭ خوتۇنىنىڭ ھەممە سۆزلىرىگە  لەببەي دەيدىغان ھالىتى بارغانسېرى غايىپ بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلداشلىرىمۇ كۆپۈيىشكە باشلاپ، ئەرلەرمۇ ئەمدى ئايالىنىڭ ھەممە سۆزىنى ئاڭلاۋەرمەيدىغان گەدەنكەشكە ئايلىنىپ، ئايالىغا گەپ ياندۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۇلۇشكە باشلىنىدۇ - دە، بۇ خىل ئەھۋال بىر قىسىم  ئاياللاردا ئەرلىرىنىڭ «ئاغزىنى يۇمۇش»قا مەجبۇرلايدىغان ھالەتكە بېرىلىپ كېتىپ،  ئەر- ئايال ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ كوتۇلدىشى كۆپەيگەنسىرى ئەرنىڭ سۆزى ئازلاپ بارىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ، ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئورتاق تىل ئازلاپ، چۈشۈنۈش يىتەرلىك بولماسلىق، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۇرۇش- جىدەل قىلىش، ئەرنىڭ ئۆيدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك، ئاخىرىدا سەللا دىققەت قىلمىسا ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىشقا بېرىپ قېلىش سادىر بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئاياللار ئادەتتە يولدىشىنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر