جىما لەززىتىنىڭ ئىلاجى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/02/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ھەزرەت

 ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئالىدىغان لەززىتى

ئەرلەر دىققەت قىلىدىغان مۇھىم بىر مەخپىيەتلىك مەسىلە شۇكى، جىمادا ئايالىنىڭ ھۇزۇرى ۋايىغا يەتمىگەنلىكتىن كۆڭلى قانائەت تاپمىسا ھەمدە بۇخىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، ئايال كىشى ئېرىدىن ئاسان ئاغرىنىدىغان، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇش-جېدەل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بىر ئائىلىنىڭ ئاسمىنىدا بۇلۇتلار ئەگىپ، مۇھەببەتلىك شىرىن تۇرمۇش زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاشلا، جىنسى ئالاقە نورمىدىن كۆپ بولۇش بىلەن ئايال كىشىنىڭ ۋايىغا يېتىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەندىمۇ ئوخشاشلا ئايال تەرەپ جىنسى ئالاقىدىن قاچىدىغان ھەمدە ئەر تەرەپنى خالىمايدىغان ھەتتاكى سەسكىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا، جىنسى ئالاقىنىڭ سۈپىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، جىنسى ئالاقىنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىقى، بىنورماللىق كۆرۈلگەندە، خىجىل بولماستىن پەزىلەتلىك ماھىر تېۋىپقا كۆرۈنىشى، قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلاشقا بېرىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئۆز مىزاجىغا، ۋە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبچى ئامىلغا قارىتا چارە قىلىش ئارقىلىق نورمال تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.

مەنبەسى: قولۇمدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتى قەدىمى قوليازما ئەسەرلىرىدىن تەييارلاندى
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر