ئەزايىمىز جىنسىي يول نېمە دەيدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: سېھىرلىك تېببىي ھېكايىلەر | ۋاقتى: 2012/02/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: شۆھرەت ئىنايەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04


مەن بىر سىرلىق جىلغا، بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا مېنىڭ نەدىلىكىمنىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللار مېنى بەدەننىڭ مۇستەقىل بىر ئەزاسى دەپ قارايدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، مەن ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ئېچىلىش ئېغىزى بولۇپ، چوڭ جىنسىي لەۋ، كىچىك جىنسىي لەۋ، دىلچىق، سۈيدۈك يولى ئېغىزى ۋە جىنسىي يول ئېغىزى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىمەن.


ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزا قۇرۇلمىسى ئەرلەرگە قارىغاندا مۇرەككەپرەك بولغاچقا، ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. سىز ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزەتسىڭىز ئاندىن تېگىگە يېتەلەيسىز.
شۇنچىۋالا ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەگەر سىز كۆپىيىش ئەزايىڭىزنىڭ سىرتقى شەكلىنى، شۇنداقلا بىرەر نەرسە تەگكەندىكى سېزىمىنى بىلمىسىڭىز، قانداقمۇ ئېرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قارىتىپ، ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن جىنسىي خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولالايسىز؟ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى شۇكى، بوش ۋاقىت چىققاندا ئەينەك ئارقىلىق بىر كۆزىتىپ چىقىڭ، شۇنىڭدىلا ھەقىقىي بىر جىنسىي يول ئېغىزىنى كۆرەلەيسىز.
چوڭ جىنسىي لەۋ سىرتقى كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ ئەڭ سىرتىدا بولۇپ، ماي توقۇلمىلىرى بىلەن تولغان، سىرتىدا تۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى جىنسىي يولنى پۈتۈنلەي يۆگەپ، مەينەت نەرسىلەر ياكى تەرلەرنىڭ جىنسىي يولغان كىرىپ كېتىشىنى توسۇشتۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر