ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن. «ئەنگىلىيە تېببي ئىلمى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى سانىغا ئامېرىكا ئالىملىرى ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇق-قىسقىلىقى ھەققىدە يېڭىچە قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.


مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئەرلەرنىڭ قايناق جىنسىي تۇرمۇشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 65 ياشقىچە داۋام قىلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا 60 ياشقىچە بولغان. 75 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئەرلەرنىڭ %38.9 ىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان، ھالبۇكى ئوخشاش ياش قورامدىكى ئاياللارنىڭ %16.8 نىڭلا جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولغان. ياشانغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ياشانغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى چىققان. ئاياللاردىكى ھەيز كېسىلىش، تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋنلەش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابى قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتنى ئىشلىگۈچىلەر «ياشانغانلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە ھەۋىسىگە ئىشەنچ قىلىشى، ئوتتۇرا ياشلىقلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا، بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىرىمىزگىمۇ ماس كېلەمدۇ؟ قىزىقسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار