ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولامدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى | ۋاقتى: 2012/03/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مۇئەييەن چەك ئىچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولىدۇ. ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە فىزىئولوگىيەلىك ۋە پسىخولوگىيەلىك ئېھتىياج تۈپەيلى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي ھەۋەس پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ تەبىئىيىتى ۋە ئېھتىياجىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناق جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە قايناق مېھرى-مۇھەببەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببەت، ھېسىياتنى زىيادە قىلىدۇ.


ئەمما، ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاياللاردا بىرقاتار فىزىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ، يېڭى تۆرەلگەن پەرزەنتىگە زىيادە مېھرى- مۇھەببەت بېغىشلايدىغانلىقى ئۈچۈن، جىنسىي ھەۋىسىدە سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئەر تەرەپتە بولسا بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئەر-ئاياللار ئۆز-ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىشى، بولۇپمۇ ئەر بولغۇچى ئايالىنى بەكمۇ ئاياپ ئاسرىشى لازىم. ئەر-خوتۇنلار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى جىنسىي تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى ئۆگىنىپ، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئانا-بالىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئاساسىدا، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى گۈزەل مەنالارغا تويۇندۇرىشى كېرەك.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟ قېنى دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار