جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى نېمىلەرگە مۇناسىۋەتلىك؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەر-خوتۇنچىلىق بىلىملىرى | ۋاقتى: 2012/03/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: قادىر ئارسىلان | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە باغلىق بولامدۇ؟

ئالدى بىلەن بىر نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىزدۇر.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئۇرۇقدان ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش بېزى، ئۇ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە ئەرلىك گورمونمۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ جىنسىي بەلگىسى ۋە جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ساقلىنىشى مۇشۇ ئەرلىك گورمونغا تايىنىدۇ. مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشى ئەرلىك جىنسىي گورمون سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا باغلىق بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئۆلچەشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئۇ ئىشلەپ چىقارغان ئەرلىك گورموننىڭ سۈپىتى ئوڭ تاناسىپ بولۇشى ناتايىن. يەنە كېلىپ ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىتا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم يوق. ئۇرۇقداننىڭ سىغىمچانلىقى مەلۇم دائىرىدە بولىدۇ، ئەمما ئارىدىكى پەرق بەك چوڭ بولۇپ، ئادەتتە سىغىمچانلىقى 15~25 مىللىگرام ئىچىدە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئىرقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ.


ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئەرلىك گورمون سۈپىتىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ؟ ئۇرۇقدان نۇرغۇن ئۇرۇقدان ياپراقچىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ، ئۇرۇقدان ياپراقچىلىرى بولسا، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالايدىغان كانالچىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كانالچىلار ئارىلىقىدىكى قوشقۇچى توقۇلمىلاردا نۇرغۇن ئارىلىق ماددا ھۈجەيرىسى بولىدۇ، ئەرلىك گورموننى دەل مۇشۇ ھۈجەيرىلەر ئاجرىتىدۇ. بۇنداق ھۈجەيرە ئاز، بىراق ئىقتىدارى زور بولۇپ، جىنسىي گورموننىڭ سۈپىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئەرلىك گورموننىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ئارىلىق ماددا ھۈجەيرىسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن ئىبارەت.
بۇ يەردە شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، ئۇرۇقداننىڭ ھەددىدىن زىيادە كىچىك بولۇشى ياكى كېسەل سەۋەبىدىن يىگىلەپ كېتىشى ئەرلىك گورموننى ئاجرىتىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ياللۇغلىنىش ياكى ئۆسمە ئۆسۈش سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان يوغىناپ كەتسە، بۇمۇ ئەرلىك گورموننىڭ سۈپىتىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئىككى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئۇرۇقدىنى چوڭ، يەنە بىرى كىچىك بولىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپتىكى ئۇرۇقداننىڭ چوڭ-كىچىكلىك پەرقى بەك روشەن بولمىسىلا، نورمال ھېسابلىنىدىكەن. ئەگەر بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان يەنە بىرىدىن كۆرۈنەرلىك كىچىك بولۇپ قالسا، بۇنى ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان ئۆسمىسى، تاق ئۇرۇقدانلىق بولۇش قاتارلىق كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋال بولسا ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر