تۇخۇم چىقىرىش نەيچىسىنى بوغۇش جىنسىي تەلەپكە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەر-خۇتۇنچىلىق بىلىملىرى | ۋاقتى: 2012/03/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەسقەر مۇھەممىدى | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تۇخۇم چىقىرىش نەيچىسىنى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىنغاندىن كېيىن، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئاياللارنىڭ جىنسىي تەلىپىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ جىنسىي تەلىپى ئېشىپ كېتىدۇ، بەزىلىرىنىڭ جىنسىي تەلىپى چېكىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بەزى كىشىلەر تۇخۇم نەيچىسى بوغۇپ قويۇلغاندىن كېيىن جىنسىي تەلەپكە تەسىر يېتىدىكەن، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم نەيچىسىنى بوغدۇرغان كۆپىنچە ئاياللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى نورمال بولۇشى كېرەك.


جىنسىي تەلەپ جەھەتتىكى پەرقنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پسىخىكىلىق ئامىل رول ئوينايدىكەن. مەسىلەن، بەزى ئاياللارنىڭ ئوپېراتسىيىدىن بۇرۇنقى ئىدىيىۋى تەييارلىقى يېتەرلىك بولمىسا، ئەندىشىگە پېتىپ قالسا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بۇنداق ياكى ئۇنداق ماسلىشالماسلىقلارنى ھېس قىلىدۇ، بەزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىق پەيدا بولۇپ، جىنسىي تەلەپنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن تەكشۈرۈتۈپ باقسا نورماللىقى مەلۇم بولىدۇ. مانا بۇ ئاساسلىقى پسىخىكىلىق ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان جىنسىي تەلەپنىڭ چېكىنىشىدۇر. بۇ نۇقتا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشى لازىم. بۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنالماي كۆپ قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە چۈشۈرىدۇ، كېيىن ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە دەككە-دۈككە بولۇپ، يەنە ھامىلىدار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، قورقۇش ھېسسىياتى جىنسىي تەلىپىنى چەكلەپ قويغانلىقتىن، ئۇنىڭ جىنسىي ھېسسىياتى يۇقىرى پەللىگە چىقالمايدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ جىنسىي تەلەپ چېكىنىپ كېتىدۇ. ئەسلىي يولى بويىچە ئېيتقاندا، تۇخۇم نەيچىسىنى بوغدۇرغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ئەندىشىسى تۈگەيدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ قورقۇش، جىددىيلىشىش تۇيغۇسى يوقىلىدۇ-دە، جىنسىي تەلەپ بۇرۇنقىغا باققاندا كۈچىيىپ،جىنسىي تۇرمۇش ھۇزۇرىنى سۈرگىلى، جىنسىي تۇرمۇش خۇشاللىقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر