ئوغۇللارنىڭ ياشلىق دەۋرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەر-خوتۇنچىلىق بىلىملىرى | ۋاقتى: 2012/03/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەسقەر مۇھەممىدى، ھۈسەن نۇر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئوغۇللارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا، ئۇلارنىڭ ياشلىق دەۋرى بىر قەدەر كېچىكىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئوغۇللار ئۆز بەدىنىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، دوكتور كادلاننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوغۇل بالىلارنىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى بەزى روشەن فىزىئولوگىيىلىك يېتىلىش قىز بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى يىلچە كېچىكىپ يۈز بەرسىمۇ، ئەمما ئوغۇل بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان يېشى قىز بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ھەيز كەلگەن يېشىدىن پەقەت يېرىم يىللا كېيىنرەك بولىدىكەن. شۇڭا، قىز-ئوغۇللارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت پەرقى چوڭ ئەمەس.


ئوغۇل بالىلاردىكى ياشلىق دەۋرىنىڭ تۇنجى سىگنالى بويىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشىدۇر. ئارقىدىنلا ئۇرۇقدان تېستوستېرون ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ، دوۋسۇن تۈكلىرى پەيدا بولۇپ، ئارقىدىن بۈدۈرلىشىدۇ، توملىشىدۇ. يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قولتۇق تۈكلىرى پەيدا بولىدۇ؛ ئادەتتە دوۋسۇن تۈكلىرى بۈدرە ۋە توم بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئوغۇل بالىلار تۇنجى قېتىم مەنىي چىقىرىدۇ. دوكتور كىنسېل 5000 دىن ئارتۇق ئەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان يېشىنىڭ سەككىز ياشتىن 21 ياشقىچە ئارىلىقتا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %90 بالىنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان ۋاقتىنىڭ 11~15 ياش ئارىلىقىدا ئىكەنلىكى، زور كۆپ ساندىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم مەنىي چىقارغان ۋاقتى 13 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

(يازمىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!)

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر