جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىي ساغلاملىق تەسىرات دوكلاتى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

ئەلداۋا ئىلاۋىسى: مەزكۇر تەكشۈرۈش تەتقىقاتى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسى بويىچە ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مۆلچەرىمىزدە تىل ۋە باشقا سەۋەبلەرگە كۆرە ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئارىسىدىكى تەتقىقات كۆلىمى چەكلىك، تەتقىقات چوڭقۇرلۇقى تېيىز بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، تۆۋەندىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغىمۇ باب كېلىشى ناتايىن. تورداشلارنىڭ مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق ئۇچۇرلارغا پايدىلىنىش نەزىرىدە قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ماقالىسى، بۈگۈن (8-ئاپرېل) چۈشتىن كېيىن «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» ژۇرنىلى تەھرىراتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان «ھاللىق تۇرمۇش» ژۇرنىلى « جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىي ساغلاملىق تەسىرات دوكلاتى  » نى ئېلان قىلغان بولۇپ،  مەزكۇر دوكلات چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن «ھاللىق تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ بىرلىشىپ، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئامما ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ نىكاھتىن ئاۋۋال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى 1994-يىلىدىكىدىن %30 ئېشىپ، %71.4 گە يەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %1.5 كىشىلا «ئائىلە تەربىيەسى» ياكى ئاتا-ئانىسى ئارقىلىق جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىدىكەن، ئەرلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ %0.6 گە ئاران يېتىدىكەن. بۇندىن باشقا، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ %53.5 ى ئەزەلدىن جىنسىي تەربىيەگە ئېرىشىپ باقمىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىشىنىڭ مۇنداق 3 چوڭ يولى بار بولۇپ، بىرىنچىسى تور (%5.24)، ئىككىنچىسى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا تەجرىبە توپلىشى (%24.2)، ئۈچىنچىسى كىتاب، ئۈن-سىن نەشر بويۇملىرى ئىكەن. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىشى جەھەتتە ھەم ئوخشاشلىق ھەم پەرق بار بولۇپ، ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نەزىرىدە «ئەمەلىيەت ئالتۇن ئۆلچەم» ئىكەن. كىتاب ئارقىلىق ئېرىشىدىغان بىلىم شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىمدىن ئارتۇق ئىكەن. ئەرلەر تور ئارقىلىق جىنسىي بىلىمگە ئېرىشىشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، ئاياللار كىتاب ۋە ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا تەجرىبە توپلاشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نىكاھتىن ئاۋۋالقى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىشىغا تۇتقان پوزىتسىيىدە، %43.1 كىشى بۇ خىل قىلمىشنى ياقىلىغان، %21.5 كىشى بەرىبىر دەپ قارىغان، %10.8 كىشى باشقا پوزىتسىيە بىلدۈرگەن، % 24.6 كىشى بۇ خىل قىلمىشنى ئەيىبلىگەن.
 

مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار:

 

جۇڭگولۇقلارنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يوللىرى

جۇڭگولۇق ئەرلەرنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يوللىرى

جۇڭگولۇق ئاياللارنىڭ جىنسىي بىلىملەرگە ئېرىشىش يوللىرى
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر