مەنىي چىقىرىشنى كونترول قىلىشنىڭ 7 ئېپى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 03 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

مەنىي چىقىرىشتا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلە مەنىي بالدۇر كېتىش ياكى مەنىي چىقىش ۋاقتىنى ئاسانلىقچە كونترول قىلالماسلىقتىن ئىبارەت. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەرنىڭ %33 ئۆزىدە مەنىي بالدۇر كېتىدىغان چاتاق بار، دەپ قارايدۇ، ئەمما مەنىي بالدۇر كېتىشنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس.
ماستېر بىلەن جونسوننىڭ قارىشىچە، مەنىي بالدۇر كېتىش كۆپ سانلىق ئەرلەرنىڭ جىما قىلغاندا، ھەمراھىنىڭ جىنسىي ھېسسىياتى يۇقىرى پەللىگە يېتىشتىن ئىلگىرى مەنىي چىقىرىۋېتىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەمما، دوختۇر زىبېرگىرنىڭ قارىشىچە، بۇ كۆپرەك سەزگۈ ئەزالىرىغا تەۋە مەسىلە بولۇپ، قوللانغان ئاتالغۇسىمۇ تامامەن ئوخشىمايدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، «مەنىي چىقىرشنى كونترول قىلىش» ئەرلەرنىڭ مەنىي چىقىدىغان پۇرسەتنى خالىغانچە كونترول قىلالايدىغانلىقى، مەيلى ھەمراھى بىلەن قانچە ئۇزۇن ئوينىسۇن ياكى ئىشنى ھەش-پەش دېگۈچە تۈگەتسۇن، ھەممىسىنى ئۇلار ئۆزى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەگەر ئەرلەر جىمادا مۇشۇ دەرىجىگە يېتەلىسە، جىنسىي مۇناسىۋىتى قانائەتلىنەرلىك بولىدىكەن، ئەكسىچە بولسا، قانائەتلىنىش بولمايدىكەن.

 

 

مەنىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىنى بەكمۇ چوڭقۇر تەھلىك قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەر بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ناۋادا يەنىلا مەنىنى كونترول قىلالماي، بىر مىنۇتتىلا ئىشنى تۈگىتىپ قويسا، ھەقىقەتەن ئىرادىگە خىلاپ ئىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردە پەقەت مەنىنى كونترول قىلىشنىڭ دەسلەپكى 7 خىل ئېپى ئۈستىدە يۈزەكىلا توختىلىمىز.

خوش، مەنىنى كونترول قىلىشنىڭ دەسلەپكى 7 خىل ئېپىنى بىلمەكچى بولسىڭىز كېيىنكى بەتكە قاراڭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • دوستانە ئۇلىنىشلار