جىنسىي ئەزا قايىملىقىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك جەريانى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2012/04/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ھەزرەت | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ھەزرەت

ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى بۇلۇتسىمان تەنچىدىن ئىبارەت بولۇپ، قان ئېقىمى سىغدالسا تىكلىنىدۇ. سىغدالغان قان ئېقىمى كەينىگە قايتسا بوشايدۇ. نورمال ھالەتتىكى جىنسىي ئەزانىڭ تىكلىنىشى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچ بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ:

 

 

بىرىنچى باسقۇچتا، ئەر كىشىدە جىنسىي ئىنتىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولغاندا ئۇرۇقدان ئىشلەپ چىقارغان ھورمون قانغا قۇيۇلىدۇ، بۇ ھورمون قان ئېقىمى بىلەن ئايلىنىپ باشنىڭ تېرىسىگىچە بولغان بارلىق ئەزالارغا تارىلىدۇ. ئېلېكتر دولقۇنىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرخىل ئېقىم ھاسىل قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن بەدەنگە يەتكۈزىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا، جىنسىي تۇيغۇ مېڭىدىكى جىنسىيەت مەركىزىي رايونىغا يېتىپ بارىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچتا، جىنسىي سەزگۈ، يۇلۇن ئۇچىدىكى تاناسىل نېرۋىلىرى مەركىزىگە ئىنتايىن تېزلىكتە ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ، تاناسىل نېرۋىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىنىشى بىلەن قان ئېقىمى بۇلۇتسىمان تەنچىگە سىغدىلىپ كاۋاكچىلارنى تولدۇرۇش نەتىجىسىدە قايىملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇخىل ھالەتنى دەسلەپكى قوزغاتقۇچى ــ روھىي ئامىلدۇر. روھىي ئامىل، چوڭ مېڭىدىكى تاناسىل نېرۋىلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈدىغان جىنسىي سەزگۈ رايونىنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىشى جىنسىي ئالاقە قىلماقچى بولغاندا، ئالەتتىكى بۇلۇتسىمان تەنچىلەرنى قان بىلەن تولدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان تاناسىل نېرۋىلىرىگە يېتىدىغان ئۇچۇر توختاپ قالغانلىقتىن، قاننىڭ بۇلۇتسىمان تەنچىگە سىغدىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن قايىم بولمايدۇ ياكى قايىملىق يېتەرلىك بولمايدۇ. قايىم بولغان ھالەتتىمۇ مەقسەت ئاياغلاشماي تۇرۇپلا قايىم بولغان ئالەت بوشاپ كېتىدۇ.
نورمال ئەھۋالدا جىنسىي ئالاقە باشلىنىش ئالدىدا ئايال بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بەزى ھەرىكەتلەر ئالەتنىڭ ــ ئەرلىك جىنسىي ئەزانىڭ تىكلىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. قايىم بولۇشقا ئازلا قالغاندا بوشاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئالاقىنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.

 مەنبەسى: پەقىرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تېبابىتىدە باھ زەئىپلىكىگە ئاسان تەشخىس قىلىش ۋە قوش ئۈنۈملۈك داۋالاش ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر