سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە چەكلىملىكلىرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش دېگىنىمىز، ئەرنىڭ ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى يەنى مەنىيسىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئايالنىڭ بالىياتقۇ بوينى ياكى بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرگۈزۈپ ھامىلىدار بولۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى ئەرلەردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك-تۇغماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش دۇنيا بويىچە خېلى ئومۇملاشقان ئۇسۇل بولۇپ، ئامېرىكىدا ھەر يىلى 5000 دىن 10000 غىچە بالا مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە دۇنياغا كېلىدۇ. جۇڭگودا بولسا ھەر يىلى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن دۇنياغا كېلىدىغان بالىنىڭ سانى 200 مىڭدىن 500 مىڭغا يېتىدۇ. چۈنكى، جۇڭگودا %13.6 ئەر-ئايالنىڭ پەرزەنت كۆرەلمەسلىك-تۇغماسلىق تۈپەيلى بۇ خىل ئۇسۇل بويىچە نەسىل قالدۇرۇشقا ئېھتىياجى بار.
 
 


ھازىر سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئەر-ئاياللاردىكى پەرزەنت كۆرەلمەسلىك-تۇغماسلىقنى داۋالاشتىكى مۇھىم ئۇسۇلغا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە ئۈمىد نۇرى ئاتا قىلماقتا. ئەمما، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭمۇ بەزى ناچار تەسىرلىرى بار بولۇپ، بۇ خىل داۋالاشنى قوبۇل قىلىشتىن ئاۋۋال بۇ ئەھۋاللارنى چوقۇم ئالدىنى ئويلىشىش كېرەك.
سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەۋزەل تەرەپلىرى:
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ كۈنساناپ تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرش تېخنىكىسىمۇ ياخشى بولغان ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. كۆپلىگەن پەرزەنتلىك بولالمىغان ئەر-ئاياللارغا ئاتا-ئانا بولۇش بەختىنى ئاتا قىلىپ كەلدى.
1. ئۇرۇق ئەلالاشتۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن بالىياتقۇ بوشلۇقىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
2. تۇخۇمداننى تېشىپ تۇخۇم ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، بىر قىسىم پەرزەنت كۆرەلمەسلىك ئازابىدا ئۆرتىنىۋاتقان بىمارلار ئۈچۈن ئاددىي ۋە ئۈنۈملۈك، تەننەرقى ئەرزان بولغان داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ چەكلىمىلىكلىرى:
1. تۇخۇمدان زىيادە غىدىقلىنىپ كېتىش ئۇنىۋېرىسال ئالامىتى: سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشتىن ئاۋۋال تۇخۇم ھەيدەش داۋالىشى قىلىنغانلىقتىن، تۇخۇمدان زىيادە غىدىقلىنىپ بىرقاتار مۇناسىپ ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
2. غەيرىي ھامىلىدار بولۇش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشتا كۆپ ھامىلىگە ھامىلىدار بولۇشنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %20، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى %8-%2 گىچە، تەبىئىي بويىدىن ئاجراپ كېتىشنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %30-%20 ئەتراپىدا.
3. داس بوشلۇقى ياللۇغلىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. قاناش ۋە زەخىملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بالىياتقۇغىغا نەيچە كىرگۈزۈش داۋامىدا مەشغۇلاتنىڭ لايىقىدا بولماسلىقى سەۋەبلىك زەخىملىنىش ۋە قاناش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
5. قورساق تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
6. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، پەقەت %40 ئەتراپىدىكى ئاياللار ئوڭۇشلۇق ھامىلىدار بولالايدۇ. بالىنى سالامەت تۇغالايدىغانلارنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ %15-%10 ئارىلىقىدا.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر