جىنسىي يولدىن تۇخۇم ئېلىش ئوپېراتسىيەسى ۋە ئۇنىڭ خەتىرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

جىنسىي يولدىن B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇخۇم ئېلىش ئوپېراتسىيىسى بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇپ داۋالاش جەريانىدىكى بىرتۈرلۈك تېخنىكا بولۇپ، ئۇ B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا كۆزىتىش ئاستىدا تۇخۇمدان ئىچىدىكى تۇخۇم پۈۋەكچىسىنى تېشىپ، تۇخۇم ئېلىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىل تېخنىكا كۆپ ھاللاردا بىخەتەردۇر. ئەمما، يەنە مەلۇم خەتىرىمۇ بار. مەزكۇر داۋالاشنى قوبۇل قلىشتىن ئىلگىرى دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، مەزكۇر تېخنىكا ئارقىلىق داۋالىنىشنىڭ جەريانى، خىراجىتى، خەتىرى ۋە ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىپ ئاندىن قوبۇل قىلىش لازىم.

 


1. مەزكۇر ئوپېراتسىيىنىڭ تۆۋەندىكىدەك خەتىرى بار:
( 1 )  ناركوز جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلۈش.
( 2 )  يۇقۇملىنىش.
( 3 )  قاناش، ئېغىر دەرىجىدىكى قاناش كۆرۈلسە قورساقنى يېرىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
( 4 ) ئوپېراتسىيە قىلىپمۇ تۇخۇمنى ئالالماسلىق.
2. ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
( 1 ) تۇخۇم ئېلىنغاندىن كېيىن كارۋاتتا يېتىپ دەم ئېلىش، ئاز ھەرىكەت قىلىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، سۇيۇق - سەلەڭ تاماق بىلەن غىزالىنىش كېرەك؛
( 2 ) تۇخۇم ئېلىنغاندىن كېيىن قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش، جىنسىي يولدىن قان كېلىش قاتارلىق نورمالسىز ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر