ئۇرۇقنى تۇخۇم ئىچىگە ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈش

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈش ( ICSI ) مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى بىۋاسىتە ئوكۇل قىلىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى سۇيۇقلىقى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۇرۇقلاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

 


1. تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈش ( ICSI ) نىڭ ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:
① ئېغىر دەرىجىدىكى ئۇرۇق كەملىك، ئاجىزلىق، غەيرىيلىك بولسا؛
② ئەسلىگە كەلمەس توسۇلۇشچان ئۇرۇق بولماسلىق ئالامىتى بولسا؛
③ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسا ( ئىرسىي كەمتۈكلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا )
④ بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش مەغلۇب بولسا؛
⑤ ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك تۇغماسلىق بولسا؛
⑥ ئۇرۇق ئۈستى ماددىسى غەيرىي بولسا؛
⑦ تۆرەلمە كۆچۈرۈشتىن ئاۋۋال ئىرسىيەتشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەنلەر.
2. تۇخۇم پۈۋەكچىسىگە يەككە ئۇرۇقنى مىكروسكوپ ئاستىدا ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈش بىرخىل داۋالاش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
3. تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ داۋالاشنىڭ جەريانى:
ئوپېراتىسىيىدىن ئاۋۋالقى تەكشۈرۈش، دورا ئارقىلىق تۇخۇم ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ىت Bپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ يېتىلىشىنى كۆزىتىش ۋە جىنسىي يولدىن تۇخۇم ئېلىش، ئۇرۇق يىغىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش، مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى بىۋاسىتە تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ ئۇرۇقلاندۇرۇش، يېتىلدۈرۈپ تۆرەلمە شەكىللەندۈرۈش، تۆرەلمىنى بالىياتقۇغا يۆتكەش، دورا ئارقىلىق سېرىق تەننى قۇۋۋەتلەش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا قان تەكشۈرۈش ۋە ىت Bپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش قاتارلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە مىكروسكوپ ئاستىدا يەككە ئۇرۇقنى ئوكۇل قىلىپ كىرگۈزۈپ داۋالاشنىڭ خەتىرى :
نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا بىلەن داۋالانغاندا كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، ئەمما دائىملىق بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش - تۆرەلمە كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدىكىگە ئوخشاش ئەكس تەسىر ۋە ئەگەشمە كېسەللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنمەك لازىم. ئوخشىمايدىغىنى، يەنە تۆۋەندىكىدەك خەتەرلەرمۇ بار:
(1) تۇخۇم ئېلىنغان كۈنى يېتەرلىك ئۇرۇق بىلەن مىكروسكوپ ئاستىدا تۇخۇم پۈۋەكچىسىگە يەككە ئۇرۇق ئوكۇل قلىنىمىسا ، بۇ قېتىملىق داۋالاشنى توختىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
(2) مىكروسكوپ ئاستىدا ئوكۇل قىلغاندا، بىلگىلى بولمايدىغان زەخىملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
(3) ئەر تەرەپنىڭ خروموسۇمىنى تەكشۈرگەندە نورمال بولسىمۇ، كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئېرسىي گىن بۇ جەريان ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
(4)مەزكۇر تېخنىكا بىلەن تۆرەلگەن تۆرەلمىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىش نىسبىتى تەبىئىي تۆرەلمىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق يوق. شۇڭا، تۇغۇلغان ھەربىر پروبېركا بوۋاقنىڭ ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر