بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش ماس كېلىدىغان ۋە كەلمەيدىغانلار

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش - تۆرەلمە كۆچۈرۈش ( ET - IVE ) ئۇسۇلىنىڭ ماس كېلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:
① ئايال تەرەپتە تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان جۈپلەشكۈچى ھۈجەيرىنى توشۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بولسا؛
② تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامىتى بولسا؛
③ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۆتكىلىش كېسەللىكى بولسا؛
④ ئەر تەرەپتە ئۇرۇق ئاز، ئاجىز بولۇش ئالامىتى بولسا؛
⑤ سەۋەبى ئېنىق بولمىغان تۇغماسلىق كېسەللىكى بولسا؛
⑥ ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك تۇغماسلىق كېسەللىكى بولسا.
 
 
 

 

3. بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش - تۆرەلمە كۆچۈرۈش ( ET - IVE ) ئۇسۇلىنى قوللىنىش مەنئىي قىلىنغان كېسەللىك ئالامەتلىرى:
① ھەرقانداق بىرتەرەپتە ئېغىر دەرىجىدىكى روھىي كېسەللىكى، سۈيدۈك يولى - كۆپىيىش سىستېمىسى جىددىي يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرى، جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بولسا؛
② ھەرقانداق بىر تەرەپتە « ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى » دا بەلگىلەنگەن پەرزەنتلىك بولسا بولمايدىغان، نۆۋەتتە تۆرەلمە كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ئىرسىيەت ئىلمى بويىچە ئىرسىيە كېسەللىكلىرىنى دىئاگنوزلاش مۇمكىن بولمايدىغان ئالامەتلەر بولسا؛ ھەرقانداق بىرتەرەپتە زەھەر چېكىشكە ئوخشاش ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار ئادەت بولسا؛
③ ھەرقانداق بىرتەرەپ رادىئاتسىيىلىك نۇر، زەھەرلىك بۇيۇم، دورا قاتارلىقلار بىلەن نۇرمىدىن ئارتۇق ئۇچراشقان ھەمدە تەسىرى بولىۋاتقان مەزگىل بولغان بولسا ؛
④ بالىياتقۇنىڭ ھامىلىدار بولۇش ئىقتىدارى بولمىسا ياكى ئېغىر جىسمانىي كېسەللىك تۈپەيلى ھامىلىدارلىققا بەرداشلىق بېرەلمىسە.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر