بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش-تۆرەلمە كۆچۈرۈش

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/01/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش - تۆرەلمە كۆچۈرۈش تېخنىكىسى ئايرىم ساندىكى تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەر- ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشىغا ياردەملەشكۈچى سۈنئىي كۆپىيىش تېخنىكىسى بولۇپ، مەزكۇر تېخنىكا دائىملىق ئۇسۇل بويىچە بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە تۆرەلمەكۆچۈرۈش، يەككەئۇرۇقنى تۇخۇم پۈۋەكچىسى ئىچىگە مىكروسكوپ ئارقىلىق ئۇكۇل قىلىپ كىرگۈزۈش ۋە تۇغۇندىھاسىل قىلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەدەن سىرتدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش- تۆرەلمە كۆچۈرۈش تېخنىكىسىمۇ بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھامىلىدارلىقنىڭ بارلىق جەريانىنىڭ تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

 

 

 

 بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش - تۆرەلمە كۆچۈرۈش ( ET - IVE ) ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاشنىڭ جەريانى:
ئوپېراتسىيىدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش، دورا ئارقىلىق تۇخۇم ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ت Bىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق ئاپپاراتى ئارقىلىق تۇخۇم پۈۋەكچىسىنىڭ يېتىلىشىنى كۆزىتىش، ئۇلترا ئاۋازلىق ئاپپاراتىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا جىنسىي يولدىن تۇخۇم ئېلىش، ئۇرۇق يىغىش ۋە بىرتەرەپ قىلىش، بەدەن سىرتىدىن ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش ۋە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن دورا ئارقىلىق سېرق تەننى قوللاش، مۇۋاپىق ۋاقىتتا قاننى تەكشۈرۈش ۋە ت Bىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر