ئەرلەر جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلاشقاندا ئورۇقلاش كېرەك

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2015/10/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
نورمال ئەرلەرنىڭ بەدىنىدە ئاز مىقداردا ئانىلىق ھورمۇن ساقلانغان بولىدۇ. بۇ ئانىلىق ھورمۇنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. قان تەركىبىدىكى ئانىلىق ھورمۇن ناھايىتى ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن گىپوفىز ئاجراتمىسىنىڭ جىنسىي بەز ھورمۇنى ۋە ئۇرۇقداننىڭ تېستۇستېرۇن ئاجرىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تەڭشەش رولىغا ئىگە. سېمىزلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغنىڭ كۆپىيىشى ئەرلىك ھورمۇننىڭ كۆپلەپ ئانىلىق ھورمۇنىغا ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇپ، قان تەركىبىدىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى بىر ھەسسە ئەتراپىدا ئېشىپ كېتىدۇ- دە، ئەرلىك ھورمۇن نىسبىتى ياكى مۇتلەق رەۋىشتە ئازىيىپ كېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاش ياكى يوقىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئىسپېرما چىقىرىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىمۇ پەيدا بولىدۇ. 
 
 
    ئادەتتىكىچە سېمىزلىك جىنسىي ئىقتىدارغا ئۇنچىۋالا تەسىر كۆرسىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئېشىپ كەتسە، بولۇپمۇ قورساق قىسمىغا ياغ بەك يىغىلىپ قالسا، جىنسىي تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ- دە، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوبراز ۋە ئىشەنچ جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، روھىي ئامىلمۇ سېمىزلىك پەيدا قىلىدىغان جىنسىي ئىقتىدار تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
    ئەرلەردە سېمىزلىككە يەنە جىنسىي ئىقتىدار جەھەتتىكى توسالغۇ قوشۇلۇپ كەلگەندە، مۇۋاپىق رەۋىشتە ئورۇقلاش تەدبىرىنى قوللىنىش، ئالدى بىلەن يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئازايتىش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش لازىم.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر