ئەر خوتۇن تۇرمۇشىدىكى قىزىقارلىق تۆت مىنۇت

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2016/09/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

جېدەل نىكاھقا تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى يامان قىلىق، شۇڭا بىز كەيپىياتىمىز تازا نورمال بولمىغان چاغدا ئامال بار سۈركىلىشتىن يىراق تۇرغىنىمىز تۈزۈك.ئەمما بىر كۈن دېگەن 24سائەت تۇرسا ،ھەمراھىنىڭ روھى كەيپىياتى ناچار چاغنى كىممۇ توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ؟ شىۋېتسىيىلىك ئالىملار يېقىندا ئىگە بولغان تەتقىقات نەتىجىسى بىزنى مۇنداق پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ:بىر كۈن 1440مىنۇت ،بۇ ۋاقىت ئىچىدىكى ئەر-ئايالنىڭ جېدىلىنى قوزغايدىغان ۋاقىت پەقەت سەككىز مىنۇت ،يەنى ئەتىگەن ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى تۆت مىنۇت ،ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن چاغدىكى تۆت مىنۇت . بۇ ئىككى ۋاقىت ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ئەڭ چارچىغان چاغ بولىدۇ.ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ئادەمنىڭ قەلبىنى بىر كۈنلۈك خىزمەتنىڭ ئالدىراش كۆرۈنۈشى جىددىيلەشتۈرگەن،چارچاتقان بولىدۇ؛ ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن،بىزئۆيگە ھېرىپ –چارچىغان ھالدا قايتىپ كېلىمىز،بۇ چاغدا شۇ كۈندىكى ئالدىراشچىلىق پەيدا قىلغان تۆۋەن كەيپىياتتىن تېخى قۇتۇلالمىغان بولىمىز. بۇنداق چاغدا ھەمراھىمىز سورىغان ھەر قانداق سوئالغا ھەر قاندىقىمىزنىڭ جاۋاب بەرگۈمىز كەلمەيدۇ-دە ،ئەر-خوتۇن ئارىسىدا جېدەل چىقماي قالمايدۇ.شۇڭا ئەر-خوتۇنلارغا مۇنداق تەكلىپ بېرىشىمىز كېرەك:بۇ ئىككى ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىش بولسىمۇ ،ئالدىراپ مەسلىھەت سېلىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر