
1.ئەرلەر سىرتتا ، ئاياللار ئائىلىدە خوجايىن بولۇۋىلىش ئەر - ئايال ھەر ئىككىلىسى ئائىلىدىكى ۋاقىتتا ئەرلەرمۇ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى كېرەك . ئائىلىدە ئەر - ئايال ھەر ئىككىسى باراۋەر ئاساستا تاماق ئېتىشى ، بالىلارغا ئورتاق قاراش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بۆلۈشۈپ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . ئەرلەر بۈگۈنكى زامانغا لايىق ھەقىقىي «ئەر» بولۇشنى بىلىشى ، سىرتتا خىزمىتىنىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، كەسىپچان ئەر بولۇشى ھەم ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ، يۈلەنچۈك بولالايدىغان ئەر بولۇشى لازىم.
2. ھە دېسىلا ئاجرىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش تويدىن كېيىن ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ تاكاللىشىپ قېلىشى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئەھۋال . بۇ مەسىلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىش كېرەك . چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىش ، كىچىك ئىشنى يوققا چىقىرىش ، سۈركىلىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ھە دېسىلا ئاجرىشىپ كېتىشنى تىلغا ئېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .
3. ئۆز ئاتا - ئانىسى بىلەن قارشى تەرەپ ئاتا - ئانىسىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا ئائىلىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى بولىدۇ . مۇناسىۋەتلىشىدىغان ئادەم كۆپەيگەنسېرى ھەرخىل ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرىدىغان گەپ . «قول ئىچىگە ئېگىلىپ كېتىش» ھەرئىككىيلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنى ، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىشىغا ئالدىراپ ، قارشى تەرەپنىڭكىگە كەلگەندە بېشىنى ئىچىگە تىقىپ تۇرۇۋالسا ، «ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى» دېگەندەك ئىش بولىدۇ .
4. جۆرىسىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ھۆرمەت قىلماسلىق تويدىن كېيىن ئەر - ئايال ئىككىلا تەرەپنىڭ بەزى ئوسال ئادەتلىرى ياكى خۇي - پەيلى بولسا ئاشكارىلىنىدۇ . مەسىلىگە يولۇققاندا ئىمكانقەدەر سەۋر - تاقەت قىلىش ۋە يول قويۇشنى ئۆگىنىۋىلىش ، ئورۇنسىز ھالدا قارشى تەرەپتىن ئاغرىنماسلىق كېرەك . بولۇپمۇ ئايال كىشى بۇنداق چاغدا سەل سەۋرچان بولۇشى كېرەك . پەقەت مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرسىلا ھامان بىر كۈنى ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
5. تالادىكى ئاچچىقىنى ئۆيگە سۆرەپ كىرىش ئەر - ئايال ئىككىلا تەرەپ سىرتتا بولغان كۆڭۈلسىزئىشلارنى ئۆيگە سۆرەپ كىرىپ ، دەردىنى ئۆيدىكىلەردىن ئالماسلىق كېرەك .چۈنكى ئاچچىق ئائىلىگە كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ . ئەگەر بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسىڭىز ، سىرتتا تۆت - بەش ئاغىينىڭىزنى تېپىپ ھال - مۇڭ بولۇشۇپ ، ئاچچىقىڭىز يانغاندا ئۆيگە كېلىڭ ، يا كۆڭلىڭىزدىكىنى چىرايلىقچە جورىڭىزغا ئېيتىڭ . ئۇ بەلكى سىزگە مۇۋاپىق سۆز بىلەن تەسەللىي بېرىپ ياكى يول كۆرسىتىپ رايىڭىزدىن ياندۇرسا ، ئاچچىقىڭىز يېنىپ قېلىشى مۇمكىن .
6. ئىقتىساد مەسىلىسىدە بىر ئادەمنىڭ دېگىنى ھېساب بولۇش ئائىلىدە ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇش كىچىك ئىش ئەمەس . نۇرغۇن ئەر - ئاياللار مۇشۇ جەھەتتىن كېلىشەلمىدۇق دەيدۇ .ئائىلىدە پۇلنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ خەجلەيدىغان ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .ئائىلە ئىقتىسادى كەڭرى بولمىغان شارائىتتا ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىشى ، قارشى تەرەپنىڭ مەسلىھەتىسىز نەرسىلەرنى قالايمىقان سېتىۋالماسلىقى لازىم .
7. ئەمەلىيەتكە يۈزلىنەلمەسلىك ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدا ئازارلىق پەيدا بولغان چاغلاردا ئەڭ ياخشىسى ، ئەر - ئايال ئىككىسى ياخشى ئۆتكەن چاغلارنى ئەسلەش كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۆزى سەزمىگەن ھالدا تۇمۇشنى خۇشال ئۆتكۈگىلى بولىدۇ .
8. ئۆيگە ھەمىشە كەچ قايتىش ۋە ياكى سىرتتا قونۇپ قېلىش ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەر ناھايىتى كۆپ ، شۇڭا ئۇلار پەقەت تاماق ۋاقتىدىلا جەم بولالايدۇ .جىدىي تۇرمۇش رېتىمى ئەر - ئاياللارنىڭ ھىسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى بەكلا ئازايتىۋەتتى .ئەگەر بىر تەرەپ ھەمىشە سەۋەبسىز كەچ كەلسە ياكى سەۋەبسىز سىرتتا قونسا ، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە تەشۋىش ، ئەندىشە ۋە دىلخەستىلىك ئېلىپ كېلىدۇ .
9. پەرزەنتلەر ئالدىدا بىر- بىرىنىڭ يېغىرىنى ئېچىش مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ، بۇ خىل قاملاشمىغان قىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك . بۇنداق قىلمىش قارشى تەرەپنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرۇپ ، كۆڭلىدە غەزەپ - نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن ، پەرزەنتلەر مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ، ئۆزىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئائىلىدە ئىناقسىزلىق پەيدا بولىدۇ .
10. ئورۇنسىز گۇمانلىنىش ئەگەر ئىشىنىشنى ئەر - ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دېسەك ، ئۇنداقتا گۇمانلىنىشنى مۇھەببەتنى ھالاكەتكە باشلايدىھغان ئاپەت دېيىش كېرەك . گۇماننىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ مۇقىملىقىغا يۈزدە يۈز زىيىنى باركى ، بىرمۇ پايدىلىق تەرىپى يوق .
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەر خوتۇن تۇرمۇشىدىكى قىزىقارلىق تۆت مىنۇت
- كېيىنكىسى : جىنسىي ئاجىزلىقتىن ساقلىنىشتىكى 10 مۇھىم ھالقا
جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسا : 1. دەرھال مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ تېرە- تاناسىل كېسەللىكلەربۆلۈمىگە ياكى جىن
جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، يۇقىرىدا جىنسىي ئالاقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ 20 خىلدىن كۆپرەككە يېتىدىغان
بۇ 8 خىل ئۇسۇل سىزنى جىنسىي كېسەللىكتىن ساقلايدۇ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: كۆپچىلىكنىڭ جىنسىي كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ يوقۇش يوللىرىغا بولغان بىلىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك بۇ كېسەللىك ھازىر ئادەتتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ پەيتى مۇۋاپىق تاللىنىشى كېرەك مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى
جىنسىي مۇناسىۋەت مۇقەددىمىسى مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى
