نىكاھنىڭ ئۈچ مۇھىم مەنزىلى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بىرىنچى مەنزىلى: ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن توي قىلىش ؛ ئىككىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن توي قىلىش ؛ ئۈچىنچى مەنزىلى : ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن يەنە شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ‹‹ ئارقا كۆرۈنۈشى ›› بىلەن توي قىلىش .
 بىرىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەي – ئاياللارنىڭ نىكاھى نىسبىي مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئىككىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر مۇستەھكەم بولىدۇ ؛ ئۈچىنچى مەنزىلدە تۇرغان ئەر – ئاياللار ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالىدۇ .
 ھازىر نۇرغۇن قىز – يىگىتلەر توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆي تۇتمايلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار نىكاھىنى بىرىنچى مەنزىلدىن ئىككىنچى مەنزىلگە ئېلىپ بارالمىغان . ھەممىمىزگە ئايان ، قايناۋاتقان سۇ باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەتمۇ قايناۋاتقان سۇغا ئوخشاش ئادەمنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ كېتەلەيدۇ . قايناق مۇھەببەت ئىچىدىكى مۇكەممەل ، نۇقسانسىز ھېسابلانغان ‹‹ ئات ئاتلىق شاھزادە ›› بىلەن ‹‹ ئاق كىيىملىك پەرىزات ›› نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ›› نىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلىرى خۇددى باكتېرىيەگە ئوخشاش كۆپىيىشكە باشلايدۇ .
بۇ چاغدا سىز نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە ئۆتۈپ ، جۆرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ‹‹ توي قىلىپ ›› ئۇنىڭ كەمچىلىك ۋە نۇقسانلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئەپۇ قىلىشىڭىز كېرەك . بولمىسا ، ‹‹ نىكاھ گۈلى ›› چوڭقۇر يىلتىز تارتالماي قۇرۇپ قالىدۇ . ئەسلىدە تولىمۇ مېھىر – مۇھەببەتلىك كەلگەن ئەر– ئاياللار ئۆي تۇتۇپ نەچچە يىل بولا – بولمايلا نىكاھتىن ئاجرىشىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ نىكاھنىڭ ئىككىنچى مەنزىلىگە قەدەم قويالمىغانلىقىدىن بولىدۇ . نىكاھ ئىككىنچى مەنزىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ، كۆپ ساندىكى ئەر– ئاياللار ‹‹ ئاجىرىشىش ›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئالمايدۇ . چۈنكى ئۇلار جۆرىسىنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى چىن دىلىدىن قوبۇل قىلغان بولىدۇ . بەزىلەر ھەتتا جۆرىسىنىڭ بۇ خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆيۈنۈش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ . بۇ چاغدىكى نىكاھ شېرىن ھەم مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ . ئۇنىڭدا ئەكس ئېتىدىغان ئەڭ زور ئارتۇقچىلىق كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا تولۇقلاش بولىدۇ .
نىكاھتىكى مېھر – مۇھەببەت نىكاھنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . مۇستەھكەم نىكاھ ئۈچىنچى مەنزىلگە يېتىشى كېرەك . ئۇ بولسىمۇ جۆرىسىنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› . بۇ دېگەنلىك سىز جۆرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىزنى ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە يېقىن دوستلىرىغىچە كېڭەيتىشىڭىز كېرەك ، دېگەنلىكتۇر . بۇ خىل مۇھەببەت ئىچىدە سىز ‹‹ نىكاھ ›› ھەققىدىكى ئەقلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز . سىزنىڭ جۆرىڭىز سىزگىلا تەۋە بولماستىن ، ئاتا – ئانىسىغا ۋە دوستلىرىغىمۇ تەۋە . نىكاھ ئۈچىنچى مەنزىلگە يەتكەندىن كېيىن مۇستەھكەم ھالەتكە كېلىدۇ ، بۇنداق نىكاھنى ئاسانلىقچە ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ . مۇھەببەت دۇنياسىدا ، كۆپىنچە ئەرلەر : نىكاھ – بىر قىزنى ئەمرىگە ئېلىش دەپ قاراپ ، ئەمرىگە ئالغان ئايالنىڭ ئۆز ئىنتىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە پەرۋاسىز قارايدۇ ؛ بەزى قىزلار بولسا نىكاھ – بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش دەپ قاراپ ، ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە خاراكتېرى بىلەن ‹‹ توي قىلىش ›› نى بىلمەيدۇ . تونۇش جەھەتتىكى بۇنداق خاتالىقلار كۆپىنچە ھاللاردا نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ .
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر