گاندون جىنسىي يولدا قېپقالسا قانداق قىلىش كېرەك

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/10/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


گاندون بەك چوڭ كېلىپ قالسا ياكى ئىسپېرمىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، زەكەر بىلەن گاندون جىنسىي يولدىن ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە گاندون جىنسىي يولدا قېپقالىدۇ.
گاندون جىنسي يولدا قېپقالسا، دەرھال تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ناۋادا گاندون بەك چوڭ كېلىپ قالغانلىقتىن، ئىسپېرمىنى قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنلا چۈشۈپ قالسا، جىنسىي مۇناسىۋەتنى دەرھال توختىتىپ، گاندوننى جىنسىي يولدىن چىقىرىۋېلىپ، بىر نومۇر كىچىكرەكىنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر ئىسپېرمىنى قويۇپ بېرىۋاتقان ياكى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن چۈشۈپ قالسا، گاندوننى دەرھال چىقىرىۋېلىپ، گاندون يىرتىلىپ كەتكەن ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تولۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.
جىنسىي ئالاقە جەريانىدا گاندون يىرتىلىپ كەتكەنلىكى بايقالسا، دەرھال تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىپ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش كېرەك. ئۇسۇلى: ئايال شۇ ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ، زوڭ ئولتۇرۇپ ئىسپېرمىنى جىنسىي يولدىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىۋېتىش.
[ سەمىڭىزدە بولسۇن ] گاندون ئىشلىتىپ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىدىغانلار گاندون چۈشۈپ قالسا، جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالماسلىق ئۈچۈن، بىر- ئىككى خىل ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەييارلاپ قويغىنى ياخشى. ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرگەننىڭ پايدىسى كۆپ. گاندون يىرتىلىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ھامىلىدارلىقتىن ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر