جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش پرىنسىپى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن تەپسىلىي تكشۈرۈپ، ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر قىسىم كېسەللەرنى چوقۇم ھازىرقى زامان تېخنىكىلىق بۆلۈملىرىگە تەكشۈرتۈپ، سەۋەپچى ئامىللارنى ئايرىپ چىقىپ، كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ توغرا دىئاگنوز قويغاندىن كېيىن، شۇ سەۋەپچى ئامىلغا قارشى ئۈنۈملۈك دورىلارنى تاللاپ سىرتتىن ۋە ئىچكى تەرەپتىن باسقۇچ بويىچە، سېستىمىلىق، تولۇق، ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش لازىم. داۋالاش مۇددىتى تۈگىگەندىن كېيىن ئالامەتلەردە ياخشىلىنىش ياكى يوقىلىش بولسىلا ساقايدى دەپ قارىماسلىق، داۋالىنىشتا ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى داۋالىنىش، جىنسىي مۇناسىۋەتنى، بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىك ئۇچرىشىشنى چەكلەش، شەخسىي تازىلىققا ۋە كوللېكتىپ تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئىچ كىيىملەرنى قايناق سۇغا، دېزىنفېكسىيە قىلىدىغان دورىلارغا چىلاش، دەزمال سېلىش، ئاپتاپقا قاقلاش قاتارلىق كېسەللىك جاراسىمىنى يوقىتىش ئۇسۇللىرىنى بىللە قوللىنىش، كۈندىلىك تازىلىق بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك لازىم.
كېسەللىك جاراسىملىرىنىڭ يوشۇرۇنغان ئورنى مۇرەككەپ، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە، دورىغا سەزگۈرلۈكى تۆۋەن، ئالامەتلىرى نىسبەتەن يەڭگىل بولغان، سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىك بولغاچقا داۋالاش مۇددىتى توشۇپ ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي يوقالغاندىمۇ لابوراتورىيەلىك بۆلۈملەردە قايتا-قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، بەزى كېسەللەردە يەنە بىر مەزگىل دورا يېيىش مەسىلەن، تامچە قۇرۇتلۇق جىنسىي يول ياللۇغىدا كېسەللىك ئالامەتلىرى پۈتۈنلەي تۈگىگەندىن كېيىنمۇ، ئۇدا ئۈچ ئاي تەكشۈرتكەندە تامچە قۇرۇت كۆرۈلمىسە ئاندىن ساقايدى دەپ ھۆكۈم قىلىش، ھەرگىز يەڭگىللىك بىلەن ھۆكۈم قىلماسلىق لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا كېسەللىك قايتا قوزغىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كېسەللىك جاراسىملىرى دورىغا كۆنىۋېلىش بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.
شۇڭا بىمار ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆزىنى ئاسرىشى، جىنسىي تۇرمۇشقا ۋە جىنسىي ساغلاملىققا توغرا مۇئامىلە قىلىشى، ئالامەتلىرى يەڭگىل ياكى ئېغىر بولسۇن، ئېتىبارسىز قارىماي ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ سېستىمىلىق، تەلتۆكۈس داۋالىنىش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر