جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ يۇقۇش يوللىرى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

قايسى كېسەللىكلەر جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە تەۋە؟

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنىۋى جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سىفلىس، سۆزنەك، يۇمشاق شانكىر، يىرىق قىسىم بىخلىما گۆش ئىششىقى، جىنسىي خاراكتېرلىك بىخلىما گۆش ئىششىقى قاتارلىق 5 خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ھەرخىل ۋىرۇس، باكتېرىيە زەمبۇرۇغ، خلامىدىيە، مىكروپلازما، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن كېسەللىكلەر بۇ كاتېگورىيىگە تەۋە. كۆپرەك ئۇچرايدىغان غەيرىي سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، قىچىشقاق، ئەۋرەت پىتى، ئەيدىز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىقى كېسەللىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئەمما جىنسىي تۇرمۇشتىن باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقۇشى مۇمكىن. بەزىدە بىر ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا بىر نەچچە خىل جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇشى مۇمكىن.

جىنسىي كېسەللىكلەر قايسى يوللار ئارقىلىق يۇقىدۇ؟

جىنسىي كېسەللىك ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ، ئەمما باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقۇشى مۇمكىن.
(1) بىۋاسىتە تېگىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ: بۇ جىنسىي تۇرمۇش، شەھۋانىي قىلمىش جەريانىدا ناتوغرا قۇچاقلىشىش، سۆيۈشۈش ۋە جىنسىي ئەزالارنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(2) ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ: جىنسىي كېسەللىك كېسەل ئادەمنىڭ ئىشلەتكەن ھەرخىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ قويۇشتىن يۇقۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
(3) قان ئارقىلىق يۇقىدۇ: بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، بۇلغانغان قاننى قوبۇل قىلىش، ئوكۇل يىڭنىسى، ئىشپىرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋېلىش مۇمكىن.
(4) بالا ھەمراھى ئارقىلىق يۇقىدۇ: ئاياللار جىنسىي كېسەللىكلەرگە گرىپتار بولۇپ، ۋاقتىدا يېتەرلىك داۋالىنىپ ئۈزۈل–كېسىل ساقايماي تۇرۇپ ھامىلىدار بولسا، ئۆز كېسەللىكىنى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
(5) تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقىدۇ. يەنى، جىنسىي كېسەللىكى بار ھامىلىدار ئانا تۇغۇش جەريانىدا ئۆز كېسەللىكىنى جىنسىي يولىدىن تۇغۇلىۋاتقان بالىسىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

 

نورمال تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتا جىنسىي كېسەل يۇقامدۇ؟
 
جىنسىي كېسەل بىمارى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال ئۇچرىشىشتا مەسىلەن، قول ئېلىشىش، بىللە تاماق يېيىش، ھاجەتخانا ۋە تازىلىق سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتۇش قاتارلىقلاردىن جىنسىي كېسەل تارقالمايدۇ.  چۈنكى،  جىنسىي كېسەللىك مىكروبى سۈيدۈك يولى، جىنسىي يولدىن ئىبارەت نەم، ئىللىق مۇھىتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۆلىدۇ، بولۇپمۇ قورغاق جىسىملارنىڭ يۈزىدە جىنسىي كېسەل مىكروبى ھايات كەچۈرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي كېسەللىك جىنسىي كېسەل بىمارلىرى (ئەيدىز كېسەللىك بىمارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نورمال ئۇچرىشىشتا يۇقمايدۇ. بىراق ھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق مەسىلەن، بىمارنىڭ پاكىز يۇيۇۋېتىلمىگەنم ئىچ كىيىملىرى، بەدەن ئاستىنى سۈرتۈشكە ئىشلەتكەن ھۆل لۆڭگىلىرىدىن يۇقۇشى مۇمكىن.
 
 

ئەيدىز يۇقۇمىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر - جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش 

جىنسىي كېسەللىكنى ۋاقتىدا، ئاكتىپ داۋالىغاندا كۆپىيىش يولى ئاجرالمىلىرىدىكى ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ، ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا جىنسىي كېسەل داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتىكى مۇھىم بىر تەدبىردۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر