ئەرلەردىكى جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلىكى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2016/11/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 جىنسىي قىزغىنلىق، جىنسىي تۇرمۇش سىجىللىقى، ياش قۇرامى، سالامەتلىك ئەھۋالى، كەيپىيات قاتارلىق ھەرخىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە پەرقلەر بولىدۇ. پەقەت ئۇزاق مەزگىل تەكرار جىنسىي غىدىقلاش ئاستىدىمۇ جىنسىي ھەۋىسى قوزغالماسلىق ياكى ئەسلىدە ياخشى بولۇپ ئۇشتۇمتۇت تۆۋەنلەش كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى
بالاغەت يېشىدىكى ئەرلەردە ھەر كۈنى مۇناسىپ ئەرلىك ھورمۇنى ئاجرىلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەرلەردىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ ماددىي ئاساسى. ئەرلىك ھورمۇنى ئۇرۇقدان تەرىپىدىن ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى سائەت ئىچىدە تەكشى بولمايدۇ. ئادەتتە، سەھەر ۋاقتىدا ئەڭ كۆپ بولىدۇ. جىنسىي ھەۋەس تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى روھىي سەۋەبتىن ياكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن بولۇشى مۇمكىن.
1. روھىي سەۋەب:
جىنسىي ھەۋەسنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولۇشى ئاشۇ ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى، ئايال تەرەپنىڭ ئەھۋالى، شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىت، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى جىنسىي تەجرىبە قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇ ئادەمنىڭ كەيپىيات ياخشى، ئايال تەرەپ جەلپكارلىققا ئىگە، مۇھىت بىخەتەر، ئازادە، پاكىز، بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش ئەسلىمىسى ياخشى بولغاندا جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولۇپ، ئەكسىچە بولغاندا تۆۋەنلەيدۇ. ئۇزاق مەزگىل جىنسىي تۇرمۇشنى چەكلەش ياكى بەلگىلىك چەكتىن ئارتۇق جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش جىنسىي ھەۋەسنى تۆلىتىشى مۇمكىن. مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇش، ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئۇچرىغان باشقا زەربىلەر جىنسىي ھەۋەسنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. دورا ياكى جىسمانىي كېسەللىكلەر:
ئىچكى ئاجراتما تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، مەسىلەن: ھېپوفىز بېزى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنىنىڭ كۆپىيىش كېسەللىكى قاتارلىقلاردا جىنسىي ھەۋەس تۆلەپ كېتىشى مۇمكىن.
جىنسىي ئەزالاردىكى ھەر خىل كېسەللەر، مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش، زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسىدىكى قېتىۋېلىش قاتارلىقلار جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىدۇ.
يۈرەك تىقىلمىسى، جىگەر قېتىۋېلىش قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرمۇ جىنسىي ھەۋەسكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىر قىسىم دورىلار مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىمغا قارشى ئىشلىتىدىغان ئانتىستېرون (安体舒通) ، - a مېتىل دوپا (a-甲基多巴)، رېزىرپىن (利血平)، كلورسىن (可乐宁) قاتارلىقلارمۇ ئۇزاقراق ۋاقىت ئىشلىتىلسە جىنسىي ئىقتىدارنى تۆلىتىشى مۇمكىن.
روھىي كېسەللىك، تۇغما دەلتىلىك، قېرىش خاراكتېرلىك دەلتىلىك، ئېغىر دەرىجىدىكى خامۇشلۇق قاتارلىق روھىي كېسەللىكلەردە جىنسىي ھەۋەس روشەن تۆۋەنلەيدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى
بىماردا جىنسىي تۇرمۇشقا قىزىقماسلىق، جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئالاھىدە ئازلاش، جىنسىي ھۇزۇر روشەن كەم بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا ئۇيقۇسى كەم بولۇش، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، غەمكىنلىك قاتارلىق روھىي ئاجىزلىقنىڭ بەلگىلىرى بىللە كەلگەن بولىدۇ.

دىياگنوز قويۇش
بىمار ۋە ئايالىنىڭ كېسەللىك زارىغا ئاساسەن دىياگنوزنى مۇقىملاشقا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق كېسەللىك سەۋەبى ئېنىقلىنىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش
تۇرمۇش تەرتىپىگە دىققەت قىلىش، ئۈمىدۋار كەيپىياتتا بولۇش، ھاراق-تاماكا ۋە باشقا غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەك بىلەن كۆپ شۇغۇللانماسلىق، جىنسىي ئىقتىدارنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن بولغان كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ئاكتىپ داۋالىنىش، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتكۈچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى جىنسىيەت تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، تېگىشلىك جىنسىي ساۋاتلىرىغا ئىگە بولۇش، ئاڭلىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە ئېلىپ بېرىلىشىغا تىرىشىش كېرەك.

داۋالاش
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جىنسىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر سېزىلسە ئاكتىپ داۋالاش، جىنسىي ھەۋەسكە تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلار ئىستېمال قىلىنغان بولسا دەرھال توختىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەرتىپلىك ھالدا پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. پىسخىكىلىق داۋالاش جەريانىدا ئايال تەرەپنىڭ ئاكتىپ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، داۋالاش جەريانىدا چوقۇم ئىنچىكە، ئەستايىدىل، سەۋرچان بولۇش كېرەك. تەكرار مەشىق قىلىش ئارقىلىق بىمارغا جىنسى لەززەتنى ھېس قىلدۇرۇش مۇھىم ھالقا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئاز ساندىكى كىشىلەرگە زۆرۈر تېپىلغاندا ئاز مىقداردا ئەرلىك ھورمۇن ئىشلىتىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. ھازىر كۆپرەك ئىشلىتىۋاتقىنى تېستوستېرون ئوندېكانوئات )十一酸睾丸酮(  بولۇپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم كاسسىغا ئوكۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئۇرۇقدان ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىق تۈپەيلى بەدەندىكى ئەرلىك ھورمۇن سەۋىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمىد بولمىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرگە قارىتا، ئۆمۈربويى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا مىقدارنى ئازراق كۆپەيتىشكە بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر