جىنسىي كېسەللىك دېگەن نېمە؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2016/11/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

تار مەنىدىكى جىنسىي كېسەللىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان، جىنسىي ئەزالاردا كۆرۈنەرلىك زەخىملىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىك بولۇپ، « كىلاسسىك جىنسىي كېسەللىك » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سىفلىس، سۆزنەك، يۇمشاق شانكىر ۋە جىنسىي كېسەللىك مەنبەلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنسىي كېسەللىك دېگىنىمىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپ، 30 خىلغا يېقىنلىشىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش جىنسىي كېسەل بىمارلىرىدىن ۋە جىنسىي كېسەللىكنى قوزغاتقۇچى  تەنچىلەر بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك ئالامىتى ناھايىتى يېنىك بولۇش ياكى كىلىنىك ئالامەتلەر بولماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىق ئۇنىڭ خەتىرى
يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ تېخىمۇ چوڭ خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى، كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغانلىقتىن دوختۇرغا كۆرۈنمەي، داۋالىنىشنى كېچىكتۈرۈش نەتىجىسىدە، داس بوشلۇقى يەللىكى، غەيرىي ئورۇنلۇق ھامىلىدارلىق ۋە تۇغماسلىق قاتارلىق ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، شۇنداقلا داۋالانماسلىق تۈپەيلىدىن، جىنسىي كېسەللىك تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ، جەمئىيەتكە تېخىمۇ زور خەۋپ يەتكۈزىدۇ. بۇ كىتابتا بايان قىلىنىۋاتقان جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەر ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
    نۆۋەتتە، دائىم ئۇچرايدىغان بەزى جىنسىي يول يۇقۇملىنىشلىرى، مەسىلەن، تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول يەللىكى، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول يەللىكى قاتارلىقلارمۇ جىنسىي كېسەللىكلەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار پەيدا قىلغان كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاش بىر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىرنەچچە خىل جىنسىي كېسەللىكنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئوخشاش بىر تۈردىكى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆپ خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار پەيدا قىلىشىمۇ مۇمكىن.
    دائىم ئۇچرايدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل: ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (    AIDSنى ئەيدىز كېسەللىكى؛ جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى، جىنسىي ئەزانىڭ زور ھۈجەيرىلىك ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشى، Aتىپلىق جىگەر يەللىكى، Bتىپلىق جىگەر يەللىكى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسىي ئەزا يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگىلى، سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى ( بالىياتقۇ بوينى ) يەللىكى، جىنسىي كېسەللىك مەنبەلىك لىمفا بىخلىما گۆش ئىششىقى، سىفلىس، سۆزنەك، يىرىق بىخلىما گۆش ئىششىقى، يۇمشاق شانگىر، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول يەللىكى، ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك زەكەر بېشى خەتنىلىك يەللىكى، ئاياللار سىرتقى جىنسىي ئەزاسى جىنسىي يول زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، يوتا تەمرەتكىسى، تامچە قۇرتلۇق جىنسىي يول يەللىكى ياكى سۈيدۈك يولى يەللىكى، ئاميوبا كېسەللىكى، قىل ئاياغلىق قۇرت كېسەللىكى، دوۋسۇن پىتى كېسەللىكى، ئەۋرەت قىچىشقىقى قاتارلىقلار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر