جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ قىسقىچە تارقىلىش ئەھۋالى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2016/11/27 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

   

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم داۋالىغىى بولىدىغان جىنسىي كېسەللىكلەر ( مەسىلەن، سۆزنەك، سىفلىس، جىنسي يول تىراخوما خىلامىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش، يۇمشاق شانكىر، تامچە قۇرت كېسەللىكى قاتارلىقلار ) بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن، ھەر يىلى تەخمىنەن 340 مىليون يېڭى كېسەل بايقىلىدىكەن. بۇ مۆلچەر سان جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى، باكتېرىيەلىك جىنسىي يول كېسەللىكى، B تىپلىق جىگەر يەللىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا جىنسىي كېسەللىكلەر پەيدا قىلغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر، مەسىلەن، بويىدىن ئاجراش، ئۆلۈك تۇغۇش، ئېغىرلىقى توشمىغان بوۋاق تۇغۇش، داس بوشلۇقى يەللىكى، تۇغماسلىق، پېرىناتال دەۋرى ( تۇغۇت ئالدى- كەينى دەۋرى ) لىك يۇقۇملىنىش ۋە ئۆسمە قاتارلىقلارىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا ھەر يىلى يېڭىدىن پەيدا بولىدىغان جىنسىي كېسەل بىمارلىرى ۋە جىنسىي كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەگەشمە كېسەل بىمارلىرى دۇنيا نوپۇسىنىڭ %7 ~ %10 ىنى ئىگىلەيدىكەن.
    2005- يىلنىڭ ئاخىرغا قەدەر، دۇنيا بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى 48 مىليون نەپەر دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. ھەر يىلى يېڭىدىن قوشۇلىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 5 مىليونغا يېتىدىكەن ( يەنى دۇنيا بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 13 مىڭ 700 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن )، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭلار 4 مىليون 200 مىڭ نەپەر، 15 ياشتىن تۆۋەن بالىلار 800 مىڭ نەپەر، ئاياللار 2 مىليون نەپەر بولۇپ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3 مىليون ئادەم ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر.
    دۆلىتىمىزدە ئازادلىقتىن ئىلگىرى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى خېلى ئېغىر بولۇپ، جىنسىي كېسەل بىمارلىرى 10 مىليونغا يېتەتتى. ئازادلىقتىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۈنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، 1964-يىلى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللرىنىڭ ئاخىرىدا جىنسىي كېسەللىك مەملىكىتىمىزدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تېز سۈرئەتتە يامراشقا باشلىدى. 20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئالاقە كۈچىيىپ، مەملىلەت ئىچى- سىرتىدىكىلەرنىڭ بېرىش- كېلىشى كۆپەيدى ھەمدە غەربنىڭ جىنسىي ئەركىنلىك خاھىشىنىڭ تەسىرىدە، جىنسىي كېسەللىكلەرنڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا ئاشتى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان جىنسىي كېسەللىك پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تېز يامراپ، يېزىلار ۋە چەت رايونلارىدمۇ بۇرۇن يوقىتىلغان جىنسىي كېسەللىكلەر قايتىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ھەر يىلى مەلۇم قىلىنىۋاتقان جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ سانى 800 مىڭ نەپەر ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي كېسەللەرنىڭ مەلۇم قىلىنماسلىق نىسبىتى خېلى يۇقىرى ( ئەمەلىي كېسەللەر سانىنىڭ 6 ~ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ ). مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، ھەر يىللىق ئەمەلىي جىنسىي كېسەللەرنىڭ سانى تەخمىنەن 7 مىليۇنغا يېتىدىكەن.
    دۆلىتىمىزدە 1985- يىلى تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بىمارى مەلۇم قىلىنغاندىن تارتىپ 2005- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، دۆلىتىمىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 44 مىڭ 89 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسەللىرى 32 مىڭ 886 نەپەر، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 8404 نەپەر بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرى 650 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كېسەللىكنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى يىلدىن- يىلغا كۆپەيمەكتە. ئەيدىز كېسەللىكى خەتىرى يۇقىرى قىلمىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا يۈزلەنمەكتە.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر