يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلىشنىڭ زادى قانداق زىيىنى بار؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلسا ئىرسىي كېسەللىك، تەن قۇرۇلۇشى، زېھنىي ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. چۈنكى بەزى ئىرسىي كېسەللىكلەر سىرتقى جەھەتتىن بىلىنمەيدۇ، ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن توي قىلغان ئەھۋالدا ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىرەرسىدە كېسەل ھالەتتىكى ئىرىسى كېسەللىك گېنى بولسا، ئۇ يەنە بىر تەرەپنىڭ نورمال گېن تەرىپىدىن يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ - دە،  ئەۋلادلىرىدا روشەن غەيرىي نورماللىق كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلسا ئەھۋال ئۇنداق بولمايدۇ. چۈنكى ئەر - خوتۇننىڭ ئەجدادى بىر بولغاچقا ئۇلارنىڭ گىنمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ گېنلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، ئەۋلادلىرىدا روشەن تۇغما كەمتۈكلۈك ياكى ئىرىسى كەمتۈكلۈكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇغقان ئەمەسلەر ئۆز ئارا توي قىلىشىنى بىلەن يېقىن تۇغقانلار ئۆزئارا توي قىلىشنىڭ ئەۋلادلارغا بولغان تەسىرىدە ئىنتايىن زور پەرق بار. يېقىن تۇغقانلار ئۆز- ئارا توي قىلىپ تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىشى يېقىن تۇغقان ئەمەسلەر توي قىلىپ تۇغۇلغان پەرزەنتلەرنىڭكىدىن ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن: تۇغقان ئەمەسلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ۋىلسون كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاران تۆت مىليوندىن بىر بولسا، بىر نەۋرە تۇغقانلار ئۆز - ئارا توي قىلغاندىن كېيىن پەرزەنتلىرىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى  46 دىن بىر بولىدۇ. يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلغانلارنىڭ ئىرسىي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نېسىپ يېقىن تۇغقان ئەمەسلەر ئارا توي قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭكىدىن بىر يۈز ئەللىك ھەسسە كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن يېقىن تۇغقانلار ئارا توي قىلىشنىڭ ئەۋلادلىرىغا بولغان زىيىنىنىڭ قانچىلىك زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر