ئەرلەرنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى قايسىلار؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئوغۇللارنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرىمۇ قىزلىرىدىكىگە ئوخشاشلا بالاغەت دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي نامايان بولىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئىككىلەمچى جىنسىي ئالامەتلىرى كېكىردەك ،ساقال - بۇرۇت، جىنسىي تۈك، قولتۇق تۈكى، بەدەن قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. كېكىردەك. ئوغۇللار ئون بەش ياشلارغا كىرگەندە بوينىنىڭ ئوتتۇرىسى بارا - بارا پولتىيىپ چىقىدۇ. كېكىردەك دېگەن ئەنە شۇ. كېكىردەك ئوغۇللاردىلا پۇلتىيىپ چىقىدۇ. بۇ كېكىردەكتىكى ئۆزگىرىشنىڭ سىرتقى ئىپادىسىدۇر. بۇ چاغلاردا ئوغۇللارنىڭ بوغۇزىغا جايلاشقان ئاۋاز پەردىسىمان كېڭىيىپ، قېلىنلاپ بارىدۇ، بالىلىق ئاۋازى تۈگەپ، ئۇنىڭ ئورنى چاستوتىسى تۆۋەن بولغان، بوم ئاۋاز ئىگىلەيدۇ.
2. ساقال - بۇرۇت.  بۇ ئەر جىنستىكىلەرنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئادەتتە جىنسىي تۈك ۋە قولتۇق تۈكىدىن بىر يىل كېيىن چىقىدۇ، ئاستا ئۆسىدۇ. دەسلىپىدە بۇرۇت چىقىدۇ، ئالدى بىلەن ئىككى تەرەپكە، ئاندىن ئوتتۇرىسىغا چىقىدۇ. بۇرۇت تولۇق چىقىپ بولغاندىن كىيىن مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە چۈشۈپ، تۆۋەنكى كالپۇكنىڭ ئوتتۇرىسىغا  چىقىدۇ.  ئاخىرىدا ساقال چىقىدۇ. بۇرۇت - ساقال دائىرىسى كېڭىيىش بىلەن بىرگە، بارا - بارا قېنىق رەڭ ئېلىپ، يىرىكلىشىپ بارىدۇ، رەڭ ئالىدۇ، توملىشىدۇ ۋە قاتىدۇ.
3. جىنسىي تۈك ۋە قولتۇق تۈكى. ئوغۇل بالىلارنىڭ قولتۇقتىكى قىز بالىلارنىڭكىدىن بىر يىل ئىلگىرى چىقىدۇ، 14 - 15 ياشلاردا چىقىدۇ. بىراق قىزلارنىڭكىدىن يىرىك ھەم زىچ بولىدۇ، جىنسىي تۈك دوۋسۇن سۆڭىكى بىرىكمىسىدىن كىندىككىچە رومبا شەكىللىك تارقالغان بولىدۇ.
4. بەدەن قۇرۇلۇشى. ئوغۇل بالىلار بالاغەتكە يەتكەندە سۆڭەك بىلەن مۇسكۇلى تېز يېتىلىدۇ. مۈرىسى بىلەن كۆكرەك يوغىنايدۇ، مۇسكۇلنىڭ بەدەن ئېغىرلىقتىكى نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ، ئوغۇل بالىلارنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، مۇسكۇل بىلەن سۆڭەكنىڭ يېتىلىشى ئوغۇللارنى ئېگىز ،يوغان، قەددى -  قامەتلىك كۆرسىتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر