جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەنئەنىۋى جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سىفلىس، سۆزنەك، يۇمشاق شانكىر يىرىق بىخلىما گۆش ئىششىقى، جىنسىي كېسەللىك خاراكتېرلىك بىخلىما گۆش ئىششىقى قاتارلىق بەش خىل كېسەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر ھەر خىل ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ،خلامېدېيە، مىكوپىلازما، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇرغۇن كېسەللىكلەر بۇ كاتېگورىيىگە تەۋە. كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى غەيرى سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، قىچىشقاق، ئەۋرەت پىتى، يوتا تەمرەتكىسى، ئەيدىز قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يۇقىرىقى كېسەللىكلەر ئاساسىي جەھەتتىن جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئەمما، جىنسىي تۇرمۇشتىن باشقا يوللار ئارقىلىقمۇ يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىدە بىر ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا بىرنەچچە خىل جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇپتىلا بولۇشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر