جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر《سىفلىس》

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

سىفلىس تاتىراڭغۇ بۇرمىسىمان تەنچە پەيدا قىلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ بىرى.

كېسەللىك سەۋەبى
سىفلىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇرمىسىمان تەنچە ئىنچىكە، ئۇزۇن، قويۇق بۇرمىلىق مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مىكرومېتىردىن 20 مىكرومېتىرغىچە بولىدۇ، 14-8 گىچە تەكشى بۇرمىسى بولىدۇ. بۇ خىل تەنچە ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزم تىپىغا كىرىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ئۇزاق ۋاقىت ياشىيالايدۇ. ئەمما بەدەن سىرتىدا ئاسانلا ئۆلىدۇ. قۇرغاق مۇھىت، سوپۇن سۈيى ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئۇنى ئاسانلا ئۆلتۈرەلەيدۇ.

تۈرگە بۆلۈنۈشى
سىفلىس تۇغما سىفلىس (ھامىلە ۋاقتىدا يۇقۇملانغان) ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
ئېرىشىلمە خاراكتېرلىك سىفلىسنى كېسەلنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىگە قاراپ بىرىنچى باسقۇچ، ئىككىنچى باسقۇچ، ئۈچىنچى باسقۇچ دەپ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى باسقۇچ دەسلەپكى مەزگىل دەپ ئاتىلىپ، ئۈزۈل- كېسىل داۋالانسا ئاسارەتسىز ساقىيىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى باسقۇچتا مىكرو ئورگانىزم بەدەندىكى مۇھىم ئەزالاردا زەخىملىنىش پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئاسارىتى قېلىشى مۇمكىن. داۋالاتمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل-كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا كۆپ ساندىكى بىمارلار ئۆلۈپ كېتىدۇ. تۇغما سىفلىس ھامىلىنىڭ يۇقۇملانغان ۋاقتى، بۇرمىسىمان تەنچە تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ زەخمىنىلىش ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان كېسەللىك ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ. بىر قىسىم بالىلار مېيىپ تۇغۇلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى بالىلار ئەي بولمايدۇ ياكى ئانچە ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ.

تارقىلىش يوللىرى
ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك سىفلىس ئاساسىي جەھەتتىن جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا ئىشلەتكەن شىپىرىستا ئوكۇل ئۇرۇش، كۆپ ئادەم بىر ئۇستىرىدا چاچ- ساقال ئېلىش، ئورتاق چىش چوتكىسى ئىشلىتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. بالا ئېمىتىش ئارقىلىق ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى مۇمكىن. ھامىلىدار ئانا سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، تۇغۇش جەريانىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقۇشىمۇ مۇمكىن.
تۇغما سىفلىس بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقۇپ، تېخى تۇغۇلماي تۇرۇپلا ھامىلە سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ھامىلىنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا بالا ھەمراھى تېخى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، بۇرمىسىمان تەنچە ھامىلە بەدىنىگە ئۆتەلمەيدۇ. شۇڭا تۆت ئاي ئىچىدىكى ھامىلە ئاسانلىقچە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. تۆت ئايدىن كېيىن ئەگەر ھامىلە سىفلىس بۇرماسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملانسا بالا چۈشۈپ كېتىشى، ئۆلۈك تۇغۇلۇشى ياكى تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بەزى بالىلار غەيرىي تۇغۇلۇشى مۇمكىن.سىفلىس بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك كېسەللىك تارىخى جەرياندا ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بەزىدە يوشۇرۇنۇپ، بەزىدە ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى سىفلىس ( يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە) نىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. كېسەل تارىخىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ. كېيىنكى مەزگىلدىكى سىفلىس (يۇقۇملىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن) گەرچە بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى ئاجىز بولىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى
يوشۇرۇن دەۋرى:
سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بىلەن يۇقۇملىنىپ (كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىس كېسىلىنى يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولغان كىشى بىلەن جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن) تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىلەر ( 10 كۈندىن 75 كۈن ) گىچە بىماردا ھېچقانداق نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدۇ. بۇ دەۋردىكى بىمارمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك يۇقۇملاندۇرۇشچانلىققا ئىگە. بۇ دەۋر سىفلىسنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى دېيىلىدۇ.
قاتتىق شانكىر:
يوشۇرۇن دەۋرى ئۆتكەندىن كېيىن، يۇقۇملانغان ئورۇندا (كۆپرەك تاشقى جىنسىي ئەزالاردا، بەزىدە كالپۇك، تىل، مەقئەت ياكى قول قاتارلىق ئورۇنلاردا) ئاغرىمايدىغان، قىچىشمايدىغان، ئەتراپ چېگراسى روشەن بولغان پىلە غوزىكى چوڭلۇقتىكى قىزىل رەڭلىك، قاتتىق مۇنەك پەيدا بولىدۇ، تېرىسى بۇزۇلۇپ، ئاز مىقداردا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ.
ئەڭ يېقىن ئەتراپتىكى لىمفا تۈگۈنى يوغىناپ قالىدۇ، ئاجراتمىلارنى ئېلىپ تەكشۈرگەندە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنى تېپىش مۇمكىن.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە، نەتىجىسى مۇسبەت بولۇپ چىقىدۇ. قاتتىق شانكىرنى داۋالاتمىغان ياكى داۋالاش ئۈزۈل كېسىل بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، 7-5 ھەپتىگىچە ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. بۇ مەزگىل ئىچىدە بىماردا يەنىلا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. بۇ بىرىنچى دەۋرلىك يوشۇرۇن سىفلىس باسقۇچىغا كىرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق بىرلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:
تەخمىنەن يۇقۇملىنىپ 10 ھەپتىلەر بولغاندا (سەككىز ھەپتە بىلەن 12 ھەپتە ئەتراپىدا) بىماردا قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بېشى ئاغرىش، سۆڭەك ۋە بوغۇملىرى ئاغرىش، مۇسكۇل ئاغرىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك قىزغۇچ رەڭلىك، يۇمىلاق ياكى ئېللىپس شەكلىدىكى زىچ تارالغان ئۇششاق ئەسۋىلەر چىقىدۇ. بەزىلىرى تېرە بىلەن تەكشى بولۇپ، بەزىلىرى بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ. بەزىلىرى يىرىڭدىشى مۇمكىن. ئادەتتە سىممېتىرىك بولۇپ، ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى يوغىنايدۇ، بەزىلىرىنىڭ مەقئەت ئەتراپىدا ھۆل دۆڭچە ئەسۋە ياكى ياپىلاق ھۆل سۆگەل ياندىشىپ كېلىشى مۇمكىن. بەزىلىرىدە سۆڭەك پەردىسى ياللۇغى، چىش بۇزۇلۇش، چېچى چۈشۈش، كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى، مېڭە پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىللە كېلىشى مۇمكىن.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپىي بولۇپ چىقىدۇ.
داۋالانمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر يوقىلىپ، كېسەل ئىككىنچى قېتىملىق يوشۇرۇن مەزگىلىگە كىرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىككىلەمچى سىفلىس ئەسۋىسى:
كۆپرەك ئەھۋالدا يۇقۇملىنىپ ئىككى يىللار ئىچىدە شەكلى بىرلەمچى ئەسىرگە ئوخشاپ قالىدىغان، ئەمما سانى ئاز، شالاڭ ئەسۋىلەر چىقىدۇ. كۆپرەك يۈز ۋە پۇت قول قىسمىدا بولىدۇ ياكى ئالىقان، پۇت ئاستى، شىللىق پەردە قاتارلىق ئورۇنلاردا بولىدۇ. تارقىلىشى سىممېتىرىك بولۇپ، كۆپرەك يۇمىلاق ياكى يايسىمان بولىدۇ. بەزىدە ياپىلاق ھۆل سۆگەل پەيدا بولىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردە سۆڭەك ياكى كۆز رەڭدار پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بىللە كېلىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپىي بولىدۇ.
داۋالاتمىغان ياكى داۋالىنىش ئۈنۈملۈك بولمىغاندا، يۇقىرىقى ئالامەتلەر ئۆزلۈكىدىن يوقىلىپ، كېسەللىك ئىككىنچى باسقۇچلۇق يوشۇرۇن دەۋرىگە قەدەم قويىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس:
يۇقۇملىنىپ ئىككى يىللار ئۆتكەندە بۇرمىسىمان تەنچە ھەرقايسى ئەزالارغا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ھەرقايسى ئەزالارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، كېسەللىك ئالامىتىدىمۇ زور پەرقلەر بولىدۇ. بۇ دەۋردە يۈز ياكى پۇت- قول تېرىلىرىدە سىفلىس ئۆسمىلىرى پەيدا بولىدۇ. بەزىلىرى يۈزى بۇزۇلۇپ شەلۋەرەيدۇ. كېسىللىك ئېغىز بوشلۇقىدا كۆرۈلگەندە، يۇمشاق تاڭلاي، كىچىك تىل، تىل قاتارلىق ئورۇنلار زەخىملىنىپ يارىلىنىشى، ھەتتا تېشىلىشى مۇمكىن. سۆڭەك، يىلىك قاتارلىقلاردىمۇ زەخىملىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئاساسىي ئارتېرىيە قاتارلىقلارمۇ زەخىملىنىشى مۇمكىن. نېرۋا سىستېمىسى زەخىمگە ئۇچرىغاندا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پالەچلىك، گالۋاڭلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
دەسلەپكى باسقۇچلۇق تۇغما سىفلىس( كۆپرەك ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا بولىدۇ):
تېرە، ئېغىز بوشلۇقى، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا قېنىق قىزىل رەڭلىك ياكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك ئۆسمىسىمان ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تېرىدىن كۆتۈرلۈپ چىققان ئەسۋىلەر بولىدۇ، ھۆل سۆگەل قاتارلىقلار بولۇشىمۇ مۇمكىن. پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرى ۋە جىگەر، تال قاتارلىق ئەزالار يوغىنىغان بولىدۇ. بالىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار بولۇپ، ئورۇق، تېرىلىرى قېرىلارنىڭكىدەك قۇرغاقلىشىپ كەتكەن بولىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈشلەر مۇسپىي بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ ئانىسىنى تەكشۈرگەندە قاندىكى RPR تەكشۈرۈشلەر مۇسپىي بولىدۇ.
ئاخىرقى دەۋردىكى تۇغما سىفلىس (ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ):
بوۋاقنىڭ تېرە، شىلىمشىق پەردە، سۆڭەك، كۆز ۋە ئىچكى ئەزالىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سىفلىسلىق زەخىملىنىش كۆرۈلىدۇ. بوۋاق تۇغما سىفلىسلاردا بولىدىغان ئالاھىدە چىراي ئىپادىسىگە ئىگە بولىدۇ. ئۈستۈنكى تاڭلاي يايىسى تار بولىدۇ، چىشى غەلىتە، بۇرۇنى ئېگەرسىمان بولۇپ، كالپۇكلىرى ئەتراپىغا تارتۇقلار پەيدا بولىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلار نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولىدۇ.
قان زەردابىنى تەكشۈرگەندە مۇسپىي بولىدۇ.
ئانىسىنىڭ قېنىدا RPR مۇسپىي بولىدۇ.

دىياگنوز ۋە سېلىشتۇرما دىياگنوز
سىفلىس كېسەللىك ئالامىتى جەھەتتىن نۇرغۇن كېسەللىكلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سېلىشتۇرما دىياگنوز ناھايىتى مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېسەللىك تارىخى، ئالامىتى، بەدەن تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئاساسەن سىفلىستىن گۇمانلانغان ھامان سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسىنى تېپىش، قان ئېلىپ ياكى مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى ئېلىپ RPR تەجرىبىسى ئىشلەش ئارقىلىق دىياگنوزنى مۇقىمداش كېرەك. زۆرۈر تېپىلغاندا تىرىك توقۇلمىنى تەكشۈرۈشكە ياكى تەجرىبە خاراكتېرلىك داۋالاشقا بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، قان تەقدىم قىلىش، قوبۇل قىلىش جەريانىدا تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىر شىپىرىس، ساقال پىچىقى، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك لازىم.
داۋالاش پىرىنسىپى:
دىياگنوز ئېنىقلانغاندىن كېيىن داۋالاش قانچە بالدۇر باشلانسا شۇنچە ياخشى. دورا مىقدارى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى، داۋالاش باسقۇچى تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك. داۋالاشنى توختاتقاندىن كېيىن يېتەرلىك كۆزىتىش باسقۇچى بولۇش كېرەك. بىمارلارنىڭ جۈپتى ئوخشاشلا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى، ئەگەر كېسەللىك سېزىلسە داۋالىنىشى كېرەك. كېسەلنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، داۋالىنىش جەريانىدا جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
داۋالاش مەقسىتى:
دەسلەپكى باسقۇچلۇق سىفلىستا تېزلىك بىلەن يۇقۇملىنىشچانلىقنى يوقىتىپ، بىمارنى ساقىيىشقا ئېرىشتۈرۈپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەنپىيگە ئايلاندۇرۇش ئاساسىي مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئاخىرقى باسقۇچلۇق سىفلىستا سىفلىسلىق زەخىملىنىشنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش، زەخىملىنىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ. داۋالاشتىن كېيىن بۇرمىسىمان تەنچە يوقىتىلىپ، ياللۇغلىنىش كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئاللىقاچان زەخىملەنگەن قىسمى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي، ھەرخىل ئاسارەتلىرىنى قالدۇرۇشى مۇمكىن.
داۋالاش لايىھەسى:
ئادەتتە بېنىزانتىن پېنىتسىللىن (  卡星青霉素  ) دىن 2400000u  ئىككى يانپاشتىن ھەپتىسىگە بىر قېتىم ئوكۇل قىلىنىپ، 3~2 قېتىمدىلا ئۈزۈل كېسىل ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.  بېنىزانتىن پېنىتسىللىن (  卡星青霉素  ) تېپىلمىغاندا ئادەتتىكى پېنىتسىللىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەمما مىقدارى يېتەرلىك، ئوكۇل ئۇرۇش ئارىلىقى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك.
پېنىتسىللىن رېئاكسىيە بېرىدىغان كىشىلەرگە قارىتا تېتراتسىلىندىن  بىر قېتىمدا 500 مىللىگىرام، كۈندە تۆت قېتىمدىن 15 كۈن ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ (جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلارغا قارىتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك). ئۇنىڭدىن باشقا ئېرىترومىتسىن ( 红霉素 ) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
قان ئايلىنىش سىستېمىسى سىفلىسىنى داۋالاش: بىماردا ئەگەر يۈرەك ئاجىزلىشىش ئەھۋاللىرى بولسا، ئالدى بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پېنىتسىللىننى دەسلەپ ئاز مىقداردىن باشلاپ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتىكى ئەھۋالدا سۇدا ئېرىيدىغان پېنىتسىللىن G نى بىرىنچى كۈنى 100000u بىرقېتىم، ئىككىنچى كۈنى 100000u ئىككى قېتىم، ئۈچىنچى كۈنى 200000u ئىككى قېتىم يانپاشتىن ئوكۇل قىلىپ، تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.
پروكايىن پېنىتسىللىنى G نى 800000u ئوكۇل قىلىپ 15 كۈن ئىشلىتىش كېرەك. ئىككى ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن يۇقىرىقى مىقداردا يەنە بىر باسقۇچ ئىشلىتىش كېرەك.
پېنىتسىللىن رېئاكسىيە بەرگۈچىلەرگە قارىتا ئېرىترومىتسىن (红霉素)  دىن ھەربىر كىلوگرام ئېغىرلىقىغا قارىتا 7.5 مىللىگرامدىن 12.5 مىللىگىرامغىچە كۈندە تۆت قېتىمدىن 30 كۈن ئۇلاپ ئىچكۈزۈشكە بولىدۇ. سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا قارىتا تېتراتسىللىن ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.
ئەكس تەسىر كۆپرەك ئەھۋالدا سىفلىسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بىرنەچچە سائەت ئىچىدە قوزغىلىپ 24 سائەت ئىچىدە يوقىلىدۇ. قىزىش، بىئارام بولۇش، باش ئاغرىش، مۇسكۇل ياكى سۆڭەك ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەكس تەسىر بىرىنچى باسقۇچلۇق سىفلىستا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
ئەكس تەسىر يۈز بەرگەندە قاتتىق شانكىر تېخىمۇ يوغىناپ كېتىشى مۇمكىن. ئەكس تەسىر ئەگەر ئىككىنچى باسقۇچلۇق سىفلىستا كۆرۈلسە، ئۇ چاغدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىدە ئېغىرلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەكس تەسىر ئاخىرقى مەزگىللىك سىفلىستا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، ئەمما كۆرۈلگەن ھامان ئاقىۋىتى ئېغىرراق بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر