جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلە《سۆزنەك》

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

سۆزنەك قوش شارچە باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنىڭ ياللۇغلىنىشتىن ئىبارەت. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئاز ساندىكى ئەھۋالدا مۇشۇ خىل باكتېرىيە بىلەن بۇلغانغان كىيىم -كېچەك، تازىلىق ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىقمۇ يوقۇشى مۇمكىن.
كېسەللىك مىكروبى
سۆزنەك قوش شارچە باكتېرىيەسى بۆرەك شەكىللىك ياكى سېرىق شاما شەكىللىك بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن مېڭە پەردە ياللۇغى قوش شارچە باكتېرىيەسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. گىرام بويىقى مەنپىي بولۇپ، مىكروسكوپ ئاستىدا ئويمان تەرىپى بىر- بىرىگە قاراپ تۇرغان جۈپ- جۈپ باكتېرىيەلەرنى كۆرۈش مۇمكىن. ئۇ ئادەتتە 38-37 گىرادۇسلۇق نەم مۇھىتتا ياشايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتىدا قۇرغاق مۇھىتتا ئاسانلا ئۆلۈپ قالىدۇ. ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى ئارقىلىق ئاسانلا ئۆلتۈرۈش مۇمكىن.

تارقىلىش يوللىرى
بۇ كېسەل ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. بەزىدە بۇلغانغان كىيىم- كېچەك ياكى تازىلىق بۇيۇملىرى ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىن (بۇ خىل ئەھۋال كۆپرەك ئاياللار ياكى قىز بوۋاقلاردا كۆرۈلىدۇ). ھامىلىدار ئاياللاردىكى باش سۈيى پەردىسى ئىچىنى يۇقۇملاندۇرۇپ، ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىشى، يەڭگىش جەريانىدا بالىنىڭ كۆزى يۇقۇملىنىپ، قارىغۇ بولۇپ قېلىشى، قىز بوۋاقلارنىڭ جىنسىي ئەزاسى يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
يوشۇرۇن دەۋرى:
     بۇ كېسەلنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 5~3 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ ( 24سائەتتىن 20 كۈن ئەتراپىغىچە بولىدىغانلارمۇ بولىدۇ). بۇ جەرياندا بىماردا ھېچقانداق نورمالسىزلىق سېزىلمەيدۇ.
جىددىي قوزغىلىش مەزگىلى:
بۇ چاغدا بىماردا جىددىي خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سۈيدۈك يول ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، سۈيدۈك يولىدىن يىرىڭسىمان سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئىچى قىچىشىدۇ، قىزىيدۇ، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىدۇ، ئەمما سۈيدۈك قىستايدىغان، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلاردا 2~1 ھەپتىلەردىن كېيىن ياللۇغلىنىش ئارقا سۈيدۈك يولىغا تەسىر قىلىپ، سۈيدۈك قىستايدىغان، سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىدىغان، سۈيدۈكتىن كېيىن قان تامچىلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. چوڭ تەرەت يولىنىڭ ئىچى بىئارام بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى:
     يۇقىرىقى ئالامەتلەر بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى تەكرار كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدا، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۆزلۈكىدىن يېنىكلەپ ياخشى بولۇپ قالغاندەك بىلىنىدۇ. بەزىلىرىدە ھەتتا سۈيدۈك ئارىسىدا «سۆزنەك يىپچىلىرى» بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئالامەت بولماسلىقى مۇمكىن. يەنە بەزىلەردە ئاستا خاراكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئاز ساندىكى بىمارلاردا كۆز، دوۋسۇن، بۆرەك، بوغۇم، يۈرەك ئىچكى پەردىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ياللۇغلىنىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
     سۈيدۈك يولى ئىچىدىن ئاجراتمىلارنى ئېلىپ مىكروسكوپ ئاستىدا كۆزەتكەندە ياكى باكتېرىيە تەربىيەلىگەندە، سۆزنەك قوش شارچە باكتېرىيەسىنى بايقاش مۇمكىن.

ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
1.سۆزنەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش، نورمالسىز جىنسىي ئۇچراشتىن ساقلىنىش، گاندون ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
2.جىنسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، كېسەل ساقىيىشتىن بۇرۇن جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
3.سۆزنەك باكتېرىيەسىگە سەزگۈر بولغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك مىقداردا، يېتەرلىك ۋاقىت ئىشلىتىش داۋالاشنىڭ ھالقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. داۋالاش چوقۇم ئۈزۈل- كېسىل بولۇشى، ئايال (ياكى جىنسى ھەمراھى) ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشى، مەسىلە بولسا بىللە داۋالىتىشى كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر