ئۇرۇق قانداق توشۇلىدۇ ۋە ساقلىنىدۇ؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بالاغەت دەۋرنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇقداندىكى ئۇرۇق كانالچىلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدۇ  بۇ ئۇرۇقدان قوشۇمچە ئۇرۇقداندىكى ئۇششاق نەيچىلەر ئارقىلىق قوشۇمچە ئۇرۇقدانغا توشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدا ساقلىنىدۇ. قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئۇرۇق پىشىپ يېتىلىدىغان ۋە ساقلانغان ئورۇن، ئادەتتە ئۇرۇقدان ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇق ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، قوشۇمچە ئۇرۇقداندا 5 - 25 كۈن تۇرغاندىن كېيىن بارا بارا پىشىپ يېتىلىدۇ ھەمدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. قوشۇمچە ئۇرۇقدان يەنە ئاز مىقداردا سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇرۇق مۇشۇ سۇيۇقلۇقنىڭ ۋە قوشۇمچە ئۇرۇقداننىڭ قىسقىراش كۈچى ياردىمى بىلەن سىرتقا توشۇلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىشقا، كونىنىڭ ئورنىنى يېڭىسى ئىگىلىشىگە ئەگىشىپ قوشۇمچە ئۇرۇقداندا ساقلانغان ئۇرۇق قەرەللىك ھالدا سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئۇرۇقنىڭ قوشۇمچە ئۇرۇقداندا ساقلىنىش ۋاقتى ئادەتتە يىگىرمە كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، بىرنەچچە ئايغا يېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇزاق تۇرۇپ قالغان ئۇرۇقنىڭ ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ھەمدە قوشۇمچە ئۇرۇقدان تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ كېتىدۇ.
ئۇرۇق ئۇرۇقداندىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشتا تەرتىپ بويىچە ئۇرۇقداننىڭ چىقىرىش كانالچىسى، قوشۇمچە ئۇرۇقدان كانالچىسى ئۇرۇق نەيچىسى، مەنى چىقىرىش نەيچىسى ۋە سۈيدۈك يولىدىن ئۆتىدۇ، ئۇرۇقنىڭ چىقىرىلىشى مۇشۇ نەيچە - كانالچىلارنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار ماس ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تاماملىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر