ياشلار ۋە جىنسىيەت : جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مۇنازىرە

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتلەر ئارا ئۆتۈشىشنىڭ تېز بولۇشى، ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ، مەدەنىيەت چىقىرىندىلىرىنىڭمۇ تەڭ يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاتمۇسفېراسىنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۈرلۈك - تۈمەن يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ جىددىي ۋە توغرا بىرتەرەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بىز قېچىپ ئالالمايدىغان رېئال مەسىلىلەردىن بىرى دەل ياشلار ۋە جىنسىيەت مەسىلىسىدۇر. كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمەلىيەتكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ياشلىرىمىزدىكى نىكاھسىز جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ مېڭىشى، ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئەيدىز ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى سەۋەبلىك بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك جەھەتتىن كېسەللىنىۋاتقانلىقىنى ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ھالاك قىلىش، ئۆز ھاياتىغا قەست قىلىش گىردابىغىچە بېرىپ يېتىشكەنلىرىنى كۆرۈمىز. كاللىمىزنى سەللا سىلكىۋېتىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئوي سۈرىدىغان بولساق، بۇ ئىشلارنىڭ مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مەۋجۇدلىقىغا بىۋاسىتە چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكلىرىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى ياشلار مىللەتنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جېنى . ئۇلارنىڭ جىسمى ۋە روھى كېسەللىنىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن سۆز ئېچىش تۇرماق ، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن سۆز ئاچماقمۇ مۈشكۈل بولۇپ قالىدۇ. دەل شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن بۇ رېئال مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى ئېلىپ قاچالمايمىز. بەلكى بىز ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارە - ئاماللىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمىكىمىز لازىمدۇر. نۆۋەتتىكى يازمىمىز دەل ئۇشبۇ نىيەتتە يېزىلىپ، بارچە تورداشلىرىمىزنى ئۇشبۇ مۇھاكىمىمىزگە ئاۋاز قېتىپ، ئۆز پىكرىنى بېرىشلىرىنى چاقىرىق ئەتمەكتىمىز.
ساغلام جىنسىي ھايات ، ئائىلەۋىي مۇناسىۋەتلەر ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ھەربىر خەلق ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ياشلىرىنى ئەتە ئۈچۈن تەييار قىلىشىدۇ. خۇسۇسەن، ياشلارغا بېرىلىدىغان جىنسىيەت تەربىيىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ئەللەر ئارا پەرقلەر مەۋجۇت. ئەمما، شۇ مەسىلە ئورتاقكى، جىنسىي تەربىيەنى ياشلارغا زادى قاچاندىن باشلاش خوپ؟ دېگەن مەسىلە ھازىرغىچە كەسكىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان، تېخىچە ئېنىق بىردەكلىك ھاسىل قىلىنمىغان مەسىلىدۇر.
بىر بۆلۈك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، ياشلارغا جىنسىي تەربىيەنى بالىلىقىدىن باشلاش ۋە مەكتەپلەردە بۇ ھەقتە دەرسلەر تەسىس قىلىنىشى كېرەك. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، جىنسىي تەربىيە بېرىش ھاياسىزلىق، جەمئىيەتتىكى پەردىشەپنى يىرتىپ تاشلىغانلىق، بالىلار بالاغەتكە يەتكەنچە بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئۆزلىرى چۈشىنىپ قالىدۇ، دېگەن قاراشنى ئالغا سۈرۈشىدۇ.
ياشلار ئارىسىدا ھەم جىنسىيەت ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت.
- جىنسىي ھايات بۇ شەخسىي مەسىلە.
- جىنسىي ھايات بۇ تەبىئىي نەرسە.
- جىنسىي تەربىيە ۋە ئۆزىنى تونۇش، ساغلام جىنسىي تۇرمۇش ، ھامىلىدارلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەلىملەر بېرىلىشى كېرەك.
- چوڭلا كۆپىنچە بۇ ھەقتىكى گەپلەردىن چەتنەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

- ھەممە ئۆز چۈشەنچىلىرىگە تالىق تۈرلۈك پىكىرلەرنى قىلىشىدۇ.
مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندە ئالىي مەكتەپلەرگە ئەمدىلا قەدەم قويغان ياشلىرىمىزنىڭ پىكىرلىرى.
مېنىڭچە، ياشلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنسېرى يات جىنسلارغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئېشىشى ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جىنسىيەت ھەققىدە خيال سۈرۈشى ، جىنسىي ئاكتىپ بولۇشى تەبىئىي. لېكىن مەسىلىگە پەقەت فىزىئو - بىئولىگىيىلىك نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي جەھەتتىن قاراش كېرەك. ياشلارغا جىنسىي تەربىيە بېرىش ئاتا - ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بۇرچى. چۈنكى، كۆپىيىش - نەسلىيەت ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ئىكەن، جىنسىي ھايات ھەققىدە تەربىيە بېرىش ھەم تەبىئىي زۆرۈرىيەت.
خوش ، ئۇنداقتا بىز تورداشلار بىلەن تۆۋەندىكى مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرە - مۇھاكىمە قىلىپ باقساق:
1. ياشلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيەنى قاچاندىن باشلاش خوپ؟
كۆپچىلىككە پايدىلىنىش ئۈچۈن بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ياشلارغا بولغان جىنسىي تەربىيەت ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتەي.
شىۋىتسىيە: ئادەتتە بالىلار 7 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن جىنسىيە ھەققىدە دەسلەپكى تەربىيەلەرنى بېرىشنى باشلايدىكەن. باشلانغۇچ ئوقۇش يىلى تۈگكىچە 1-2 قېتىم مەخسۇس جىنسىيەت ھەققىدە لېكسىيە دەرسى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇ ھەقتىكى ساۋاتلار ئاساسەن ئۆزى ۋە جىنسنى تونۇش بولىدىكەن.
گوللاندىيە : بۇ دۆلەت دۇنياغا مەشھۇر جىنسىي جەھەتتە تولۇق ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت. ئەمما، كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغايدىغان يېرى شۇكى، گوللاندىيەدە ياشلارنىڭ مەزگىلسىز ھامىلىدار بولۇپ قېلىش نىسبىتى باشقا ئەللەرگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن ئىكەن. گوللاندىيەدە بالىلارغا جىنسىيەت ھەققىدىكى تەربىيە 6 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ بېرىلىشكە باشلىنىدىكەن. بۇ ھەقتە باشقا دەرسلىكلەرگە ئوخشاش مەخسۇس دەرسلەر تەسسىس قىلىنىدىكەن. ھەتتا ، ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ئۆزلىرى << تەتقىقات >> لار ئىشلىشىدىكەن. گوللاندىيە ياش - ئۆسمۈلىرىنىڭ تۇنجى جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش يېشى ئوتتۇرىچە 17 ياش ئىكەن.
ئەنگلىيە: ئەنگلىيەدە بالىلارنىڭ ياش قورامىغا قاراپ 4 باسقۇچقا بۆلۈپ جىنسىي تەلىم - تەربىيە ئىشلىنىدىكەن. 5- 7 ياشلاردا ئادەم ئورگانىزمى ۋە ئادەمنىڭ ئەۋلاد قالدۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىنىش؛ 8- 10 ياشلاردا ھاياتلىقىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئائىت ساۋاتلار ؛ 11 - 13 ياشلار ياشلىق مەزگىلىدىكى جىسمانىي ۋە پىسخىك ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىش، ئادەت كۆرۈش ۋە ئىسپېرما ھاسىل بولۇش ھەققىدىكى تەلىملەر؛ 14-16 ياشلاردا كۆپىيىش ھورمۇنىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ۋە ئەر ۋە ئايال جىنسلىرىغا ئائىت مۇرەككەپرەك مەسىلىلەر ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن.
ئامېرىكا: %95 تىن ئارتۇقراق ھۆكۈت ئىلىكىدىكى مەكتەپلەردە جىنسىي تەربىيە بېرىش جەريانىدا ئەيدىز مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ يۇقۇش يوللىرى، ئۆزىنى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. يېرىم نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مەكتەپلەردە ياشلارغا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى بىلىملەر بېرىلىدىكەن، ھەتتا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىدىكەن. يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى، 3/1 مەكتەپلەردە جىنسىي ھەۋەسنى كونترول قىلىش، پاك - دىيانەتلىك بولۇش دەرسلىرى ئۆتۈلۈپ، جىنسىي تۇرمۇشنى نىكاھدىن كېيىن باشلاش ھەققىدە تەشەببۇسلار ئىلگىرى سۈرۈلىۋېتىپتۇ.
فىنلاندىيە: فىنلاندىيىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن باشلاپلا جىنىيسەت ھەققىدىكى مەزمۇنلار باشلانغۇچ دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزلگەن بولۇپ، ھەتتا ، يەسلىلەردىمۇ جىنسىيەت ھەققىدىكى ئوقۇشلۇقلارنى چېلىقتۇرغىلى بولىدىكەن. << مېنىڭ بەدىنىم >>، << مىڭ بىر كېچە >> گە ئوخشاش ئوقۇشلۇقلارنى ئاتا - ئانىلار كۈندە بىر ھېكايىنى ئوقۇپ بەرگەندەك بالىلارغا سۆزلەپ بېرىدىكەن.
قېنى تورداشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشلارغا جىنسىي تەربىيە كېرەكمۇ يوق؟ كېرەك بولسا ئۇنى قاچاندىن باشلاش كېرەك؟ مۇشۇ ھەقتە پىكىرلىشىپ باقمايلىمۇ؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر