جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى دېگەن نېمە؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/03/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

جىنسىي ئەزا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى كۆپ خىل تەسىۋىسىمان زەمبۇرۇغلار پەيدا قىلىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكىدۇر. بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچىسى ئاق تەسىۋىسىمان زەمبۇرۇغ بولۇپ، ئاياللاردا ئاساسەن سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە ئەزا ۋە جىنسىي يول تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ ئەرلەر يۇقۇملانسا زەكەر بېشى خەتنىلىك يەللىكنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ كېسەللىكمۇ جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقالغانلىقتىن، جىنسىي كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
بۇلغانغان ۋاننا، يۇيۇنۇش لۆڭگىسى، كىيىم- كېچەك قاتارلىقلار ۋاسىتىلىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلۇق جىنسىي يول يەللىكى نورمال ئەھۋالدا جىنسىي يولدا بولىدىغان تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلار ( كۆپىنچىسى ئاق تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلار ) نىڭ زىيادە كۆپىيىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەسىۋىسىمان زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كۆپىيىش يولى قاتارلىق كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدۇ، ئالامەتلىرىمۇ ئېغىر ئۆتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر