ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرى قانچىلىك؟

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ئادەتتە، ئادەمنىڭ يېشى چوڭلىغانسېرى، جىنسىي تۇرمۇشتىن قالىدۇ، دەيدىغان قاراش كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئىلمىي ئاساسى بار، بازارلىق قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن. «ئەنگلىيە تېببىي ئىلىمى گېزىتى» نىڭ يېقىنقى كۈنلەردىكى سانىغا ئامېرىكا ئالىملىرى ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي تۇرمۇش ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ھەققىدە يېڭىچە قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكالىق ئەرلەرنىڭ قايناق جىنسىي تۇرمۇشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 65 ياشقىچە داۋام قىلىدىكەن، ئاياللارنىڭ بولسا 60 ياشقىچە بولغان. 75 ياشتىن ئاشقان ياشانغان ئەرلەرنىڭ %38.9 ىنىڭ جىنسىي ھەۋىسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان، ھالبۇكى ئوخشاش ياش قورامدىكى ئاياللارنىڭ %16.8 نىڭلا جىنسىي ھەۋىسى كۈچلۈك بولغان. ياشانغان ئەرلەرنىڭ جىنسىي ھەۋىسى ياشانغان ئاياللارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى چىققان. ئاياللاردىكى ھەيز كېسىلىش، تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئاجىزلاش، ئانىلىق ھورمۇن سەۋىيەسى تۆۋنلەش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان جىنسىي ئالاقە جەريانىدىكى ئاغرىق ئازابى قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى سۇسلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ تەتقىقاتنى ئىشلىگۈچىلەر «ياشانغانلار ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ۋە ھەۋىسىگە ئىشەنچ قىلىشى، ئوتتۇرا ياشلىقلار تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك» دېگەن قاراشنى تەكىتلىگەن.

ئۇنداقتا، بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىسى بىزنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىرىمىزگىمۇ ماس كېلەمدۇ؟
بىز ھازىرغىچە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، جىنسىي تۇرمۇش ۋە ھەۋەسنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى مەسىلىسىدە مەيلى غەرب ئەللىرى ۋە ياكى شەرق ئەللىرى بولسۇن پەرق چوڭ ئەمەس. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ئىشلىگەن شىنجاڭدىكى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر ئۈستىدىن ئىشلىگەن تەتقىقاتتىمۇ مۇنداق بىر ئەھۋال دوكلات قىلىنغان. يەنى، خوتەننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچى 100 ياشتىن ئاشقان بىر ئەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، تەتقىقاتچىلار مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭدىن جىنسىيەتكە ئائىت سوئاللارنى سورىغان، ئۇ كىشىمۇ تېخى جىنسىي ھەۋەستىن قالمىغانلىقىنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۆز مەھەللىسىدىكى مەلۇم بىر تۇل ئايالغا ئۆيلىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان. كېيىن خادىملار ئۇ كىشىنىڭ ئىسپېرماسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇ كىشىنىڭ يەنىلا نورمال نەسىل قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.


شۇڭا، ياشانغانلار جىنسىي ھەۋىسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىگە تولۇق ئىشەنچ قىلىشى، جىنسىي تۇرمۇشىنى مۇئەييەن رىتىم (ئايدا 3-2 قېتىم بولسا مۇۋاپىق) دا ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشى لازىم. ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپ جىنسىي ئەزالىرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىشى، جىنسىي ئالاقە جەريانىدا بەدەن ھالەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى ئاشۇرۇشى، ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا سىلىقلىغۇچى ماي ئىشلىتىپ، جىنسىي تۇرمۇش جەريانىدىكى ئاغرىشتىن ساقلىنىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر