بىخەتەرلىك قاپچۇقى ۋە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/04/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى نېمە ئۈچۈن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ؟
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ھەم ھامىلىدارلىقتىن ساقلايدۇ، ھەم جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قوغداش رولى بار. شۇڭا، « بىخەتەرلىك قاپچۇقى » دەپ ئاتالسا، ئۇنىڭ رولىنى بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرگىلى بولىدۇ.

    بىخەتەرلىك قاپچۇقى جىنسىي كېسەللىك ۋە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇ؟

تەجرىبە تەتقىقاتلىرى ئىسپاتلىدىكى، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېمۇلسىيەلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى تېشىپ ئۆتەلمەيدۇ ( بازاردا سېتىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئېمۇلسىيەلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى ). بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتسە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە باشقا جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.
   
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەندە ئەرنى زەكىرىنڭ ئايالنىڭ تېرىسى، شىللىق پەردىسى بىلەن تېگىشىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئايالنى ھامىلىدارلىقتىن ساقلاپلا قالماستىن يەنە جىنسىي كېسەللىك، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنشلارنىڭمۇ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېمۇلسىيەگە زىيادە سەزگۈر بولۇشى ( زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى ) نى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەننىڭ ھېچقانداق قوشۇمچە تەسىرى بولمايدۇ.

بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەندە جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتەمدۇ؟
 نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەتنى مېخانىكىلىق كىرىپ- چىقىش سۈركىلىشى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، قانائەتلىنەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت مۇھەببەتلىشىش جەريانىدىكى ھەربىر ھالقا، مەسىلەن، رومانتىك كەيپىيات، جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئىككى تەرەپنىڭ تېنى بىلەن روھىنىڭ بىرلىشىشى ۋە تەسىرلىنىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوبدان ئورۇندىلىدىكەن، بەدەننىڭ ھەربىر قىسمى بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ، يۇقىرى سەزگۈرلۈككە يېتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان ھەر ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىلگەنلىكىنى سەزمەي قالىدۇ. شۇڭا، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىش جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دەيمىز.

 بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
1) بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى تەكشۈرۈشكە
ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
2) زەكەرنى كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى
كىيدۈرۈش كېرەك.
3) ھەر قېتىمدا يېڭى بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش كېرەك.
4) ئەر كىشى بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەندە، ئەگەر
سىلىقلاشتۇرغۇچ ئىشلەتمەكچى بولسا، پاكىز سۇ بىلەن سىلىقلاشتۇرسا بولىدۇ؛ مايلىق سىلىقلاشتۇرغۇچلار بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى زەخىملەپ قويىدۇ.
5) بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى زىيادە سوزۇۋەتمەسلىك، زەكەرنىڭ
ئۇچىنى بىخەتەرلىك قاپچۇقىغا چىڭداپ تىقىۋەتمەسلىك، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئۇچىدىكى كىچىك خالتىدا ئىسپېرما ساقلانغۇدەك بوشلۇق قالدۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا كىچىك خالتا ئىچىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىش لازىم.
6) بىخەتەرلىك قاپچۇقىنڭ ئېغىزىنى تولۇق كېرىپ، زەكەرنى
تۈۋىگىچە يەتكۈزۈپ كىيدۈرۈش كېرەك.
7) بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى بەك ئىسسىق جايدا قويماسلىق،
يورۇقلۇق ۋە نەملىكتىن ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، بۇلار بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى كونىرىتىپ، ئاسانلا يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8) ئەرلەر ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك قاپچۇقى بىلەن ئاياللار
ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
9) سىلىقلاشتۇرغۇچلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر